نۆۋەتتە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى دەريا يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 17 مىليون مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق چېچەكلەش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تارىم توغراقلىق باغچىسىدا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.
ئەتىياز پەسلى تەبىئىي توغراقلار چېچەكلەپ، يوپۇرماق چىقىرىدىغان پەسىل، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرغاق كىلىمات ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇنداقلا ماڭدامچى قۇرت زىيىنىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى. بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈچۈن، مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، توغراقلاردا ماڭدامچى قۇرت لىچىنكىسىنى يوقىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.
«ئايروپىلان ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ئىگىلەپ، ئىككىلەمچى قۇرت 20- 30 پىرسەنتكە يەتكەندە، ئايروپىلان ئارقىلىق دورا چاچىمىز، ئايروپىلان ئارقىلىق دورا چېچىش ئارقىلىق توغراق يوپۇرمىقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرىمىز»، دېدى بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئەكبەر ئەخمەت.
«بۇ قىممەتلىك تەبىئىي توغراقلىقنى قوغداپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چارلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورمان رايونىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىمىز، بۇ يەردە ساياھەتچىلەرگە ئەخلەت، تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە تاشلىماسلىقنى، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل توغراقلىقنى ئورتاق قوغداشنى ئەسكەرتىمىز»، دېدى بۈگۈر ناھىيەسى لايسۇ ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پېڭفېي.
بۈگۈر ناھىيەسى 2017- يىلىدىن باشلاپ، «توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 15 مىليون 470 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، سۇ تولۇقلانغاندىن كېيىن، توغراقلىقنىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.93 مېتىر ئۆرلىگەن.
«توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش كۆلىمى 1 مىليون 509 مىڭ 300 مو بولۇپ، 129.46 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 38 ئۆستەڭ راۋانلاشتۇرۇلدى، يېڭىدىن سۇ باشلاش توسمىسىدىن 62سى ياسالدى. توغراقلىقنىڭ سۇ ئورنىنى ئۆلچەش قۇدۇقىدىن 18ى قېزىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالغا يۆتكىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، چۆللىشىپ كەتكەن رايونلاردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى»، دېدى بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەترېھىم كېرەم. (مۇخبىر ليۇ يۈشەن، شېن كەيلۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خوۋ شيەنۋېي، ۋاڭ جىپېڭ)