كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسىدا ئالتە پارنىكتىكى گىلاستىن قىلىنغان يىللىق كىرىم 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى
11:49:02 2025-04-17 تىيانشان تورى

4- ئاينىڭ 15- كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى يىڭكاڭ ئېكولوگىيە باغچىسىدا ساياھەتچىلەر گىلاس ئۈزمەكتە. مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا) 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى يىڭكاڭ ئېكولوگىيە باغچىسىدا، قىپقىزىل گىلاسلار دەرەخ شاخلىرىغا لىق ئېسىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر گىلاس ئۈزۈۋاتاتتى. گىلاس بېغىنىڭ ئىگىسى ليۇ لىپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئون يىل ئىلگىرى ئۇلار سىچۇەندىن گىلاس كىرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، قايتا- قايتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىلمىي ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، بۇ يىل تېرىلغان ئالتە پارنىك گىلاستىن 200 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش مۆلچەرلەنگەن. 4- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر ھەر كۈنى باغقا كېلىپ گىلاس ئۈزگەن، ئۈزۈش پەسلى 5- ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. ليۇ لىپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يەنە تەشتەكتە گىلاس ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ گىلاس بېقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى خاس باغ- ئورمانچىلىق تېرىقچىلىقىنى زورايتتى، تەيۋەننىڭ ئۇزۇن ئۈجمىسى، ساۋمېي، لەنمېي قاتارلىقلار دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125