ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتى تۇرپان، غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلدى
10:53:56 2025-04-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىرلار گو لىڭ، لى جيانى) بۇ يىل دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، 4- ئاينىڭ 15- كۈنى 10- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى. 4- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋە 15- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتى تۇرپان شەھىرى، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

قادېن كەبىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

قادېن كەبىن مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش پۈتۈن جەمئىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسىي يولى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنىنىڭ ئون يىللىقى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى ئورتاق يارىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشى كېرەك.

نەق مەيداندا يەنە «گوئەن ناملىق» تەشۋىقات ئاپتوموبىلىنىڭ چېگرا سەپىرى بويىچە شىمالىي شىنجاڭدا تۇنجى يولغا چىقىش مۇراسىمى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مەملىكەت سىرتىدىكى مەنپەئەت بىخەتەرلىكى لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125