بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ 2025- يىللىق «ئانار دانىسى لوڭقىسى» ياش- ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى يەنجى ناھىيەسىدە باشلاندى
18:17:05 2025-04-17 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ 2025- يىللىق «ئانار دانىسى لوڭقىسى» ياش- ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى يەنجى ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى سەككىز ناھىيە، بىر شەھەر، بىڭتۇەن 2- شىسىدىن بولۇپ جەمئىي 78 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى.

 مۇسابىقىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، يەنجى ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، يەنجى ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى، ئوبلاستلىق ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، كورلا شەھەرلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان، مۇسابىقە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 4- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۆ، ساۋ جى كاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125