قومۇلدا ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىندى
18:18:52 2025-04-17 قومۇل ياخشى جاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

نىشان- ۋەزىپىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلدى

1- پەسىلدە جەمئىي 122 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قومۇل نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، جياڭجۈنمياۋ- نوم قوش لىنىيەسى، ۋۇتۇڭشۈي- نوم ئېغىر يۈك توشۇيدىغان تۆمۈريول، قومۇل ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، ئاراتۆرۈك ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قاتارلىق نۇقتىلىق قاتناش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلماقتا، 1- پەسىلدە جەمئىي 122 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

4- ئاينىڭ 11- كۈنى، يول چىڭداش ماشىنىسى G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىمالىي قاتناش لىنىيەسىدىكى S303 لىنىيەسىدىن ھالقىغان كۆۋرۈكتە يول يۈزىنى چىڭدىماقتا. مۇخبىر ياڭ خۇڭجيەن فوتوسى  

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى نوم- يەندۇن تاشيولىنى G331 لىنىيەسى ۋە نوم ۋوگزالىغىچە تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، يېيىتىش ماشىنىسى، يول چىڭداش ماشىنىسى، يۈك چۈشۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلار گۈرۈلدەپ مەشھۇلات قىلىش بىلەن تۈر قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.

 ئاراتۆرۈك ناھىيەسى نوم- يەندۇن تاشيولىنى G331 لىنىيەسى ۋە نوم ۋوگزالىغىچە تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ دىرېكتورى لى جىچىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، سۇ تۇراقلاشتۇرۇش قەۋىتىگە ئارىلاشما ماتېرىيال يېيىتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلماقتا، تۈرنىڭ %75ى تاماملاندى.

 ئاراتۈرۈك ناھىيەسى نوم- يەندۇن تاشيولىنى G331 لىنىيەسى ۋە نوم ۋوگزالىغىچە تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى 2- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ياسىلىۋاتقان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىۋاتىدۇ. يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10.67 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ شەرقتە ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ كۆمۈر ئەشيا ئوبوروت رايونىدىن G331 لىنىيەسىگە تۇتىشىدىغان بىردىنبىر يول.نوم ۋوگزالىغا تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1.73 كىلومېتىر بولۇپ، 3- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىۋاتىدۇ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئىككى ئاپتوموبىل يولى ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ.

 بۇ تۈردە 2024- يىلى 9- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن لىنىيەدىكى يول ئۇلى ۋە سۈڭگۈچلەرنىڭ ھەممىسى پۈتتى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تۈرنىڭ ئۆز قەرەلىدە پۈتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تۈگۈنلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، مەشغۇلات تەرتىپى ۋە ئىش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىش، ئادەم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، قۇرۇلۇش سۈرئىتى، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى.

 تۈر پۈتكەندىن كېيىن، نوم رايونىدا ياسالغان ۋە ياسىلىۋاتقان تاشيوللار تورلاشتۇرۇلۇپ، رايون قاتناش تورى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەتراپتىكى ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋە توشۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيادىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى يېڭى قۇرۇلۇش نۇقتىسىنى كۈتۈۋالدى: شىمالىي قاتناش لىنىيەسىنىڭ S303 لىنىيەسىنى ھالقىغان كۆۋرۈكىدە تۈرلۈك يول ئۇلى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، ئاسفالت يېيىتىش باسقۇچىغا كىردى. گۇاڭشى يول- كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيادىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى 6- توختام بۆلىكىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى جاڭ ۋەنچاۋ مۇنداق دېدى: لىنىيە ھالقىغان كۆۋرۈك تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قومۇلنىڭ شىمالىي ئۆتۈشمە يولى بىلەن باغلىما يولنى تۇتاشتۇرۇش تېزلىتىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىنىدۇ.

 G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيادىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى 6- توختام بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر بولۇپ، ئوتتۇرا كۆۋرۈك، كىچىك كۆۋرۈك، ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كېسىشمە يول قاتارلىق كۆپ خىل قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نۆۋەتتە، قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقان تۈرلۈك ماشىنا 100گە، خادىملار 600گە يېتىدۇ، يول ئۇلىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى كېڭەيتىش، سۇ تۇراقلاشتۇرۇش ئارىلاشما ماتېرىيال يېيىتىش ۋە كىچىك كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە.

 جاڭ ۋەنچاۋ مۇنداق دېدى: بىز 6- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەتراپىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنى يېيىتىپ بولۇشنى، 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا قەۋىتىنى يېيىتىپ بولۇشنى، 11- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن ئۈستۈنكى قەۋىتىنى يېيىتىپ بولۇشنى پىلانلىدۇق.

 G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيادىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكى، قومۇلدىن تۇيۇق بۆلىكىگىچە بولغان ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ ياشاش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىلەن باشقا رايونلارنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يوللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى مۇھىم يول بۆلىكى. يول پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە رايون سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، بايلىق قۇرۇقلۇق چوڭ يولىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غول يول تورىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ. (مۇخبىرلار تيەن يۈ، ياڭ خۇڭجيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاۋ جىخۇا، لى گاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125