بۇ يىل 1- پەسىلدە جۇڭگونىڭ GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى
10:50:43 2025-04-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار پەن جيې، جاڭ شياۋجيې) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 1- پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئوتتۇز بىر تىرىليون 875 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان، بۇلتۇر 4- پەسىلدىكىدىن ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى %1.2 ئاشقان.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىشى تېزلەشكەن، مۇلازىمەت كەسپى بىرقەدەر تېز ئاشقان. 1- پەسىلدە، يېزا ئىگىلىكى (تېرىقچىلىق)نىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئېشىپ، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن.

 بازاردا سېتىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئۆرلىدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئاشتى. 1- پەسىلدە، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 12 تىرىليون 467 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئېشىپ، 2023- يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 10 تىرىليون 317 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئېشىپ، 2023- يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ئېشىش سۈرئىتىدىن 1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛ ئۆي- زېمىن تەرەققىياتى سېلىنمىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %8.3 ئاشتى.

 مال ئىمپورت- ئېكسپورتىدا ئېشىش ھالىتى ساقلاندى، سودا قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتى. 1- پەسىلدە، مال ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرىليون 301 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 6 تىرىليون 131 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.9 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى 4 تىرىليون 170 مىليارد يۈەن بولۇپ، %6 تۆۋەنلىدى.

 ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 1- پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلىدى؛ مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.3 بولدى.

 ئاھالىلەر كىرىمى تەكشى، مۇقىم ئاشتى، يېزا ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تېز بولدى. 1- پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 12 مىڭ 179 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.5 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %5.6 ئەمەلىي ئاشتى. دائىم تۇرۇشلۇق جاي بويىچە ئايرىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 15 مىڭ 887 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %4.9 ئاشتى، %5 ئەمەلىي ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 7003 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.2 ئاشتى، %6.5 ئەمەلىي ئاشتى.

 «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1- پەسىلدە، تۈرلۈك ماكرولۇق سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىق كۈچەپ ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئىگىلىكىدە تەكشى، مۇقىم قەدەم تاشلاندى، باشلىنىش ياخشى بولدى، قايتا ئۆرلەپ يۈكسىلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى كۈچەيدى، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى تېز يېتىلدۈرۈلدى، زورايتىلدى.» دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شېڭ لەييۈن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھازىر تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ يۈكسىلىش ئاساسىنى يەنە مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ.

 شېڭ لەييۈن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىققا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىشى، سىجىل يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125