مۇنبەت ئېتىز ۋە دالىلاردا مول ھوسۇل مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى
■ئىستون سۆزى
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «شانلىق 70 يىل يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى جانلىق ھېكايىلەرنى تەسىرلىك بايان قىلىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە
«يېزا ئىگىلىكى − دۆلەتنىڭ ئاساسى». يەر − يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا زور ئۈمىد يۈكلەنگەن بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سۇچىلىق، سۇغىرىش، ئېتىز يوللىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تېخىمۇ مۇھىمى «بەش بىرتۇتاش بولۇش» بويىچە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ماسلىشىپ كۈچ چىقاردى. بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ ئېتىزلىرىدا ماھىيەتلىك ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىلگىرىكى تارقاق، پارچە- پۇرات، تەبىئەتكە تايىنىدىغان، ھوسۇلى تۆۋەن يەرلەر بۈگۈنكى كۈندە مەركەزلىك تۇتاشقان، قۇرغاقچىلىق- ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، «جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسى»غا تېخىمۇ مۇستەھكەم شىنجاڭ كۈچى قوشۇلدى.
2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 59 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغان بولۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ %72.8ىنى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %56.7ىنى ئىگىلىدى.
ئالىقانچىلىك ئېتىز 10 مىڭ مولۇق ئېتىزغا ئۆزگەردى
ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، ماناس ناھىيەسىنىڭ باۋجياديەن بازىرىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا، شوپۇرسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوناق تېرىش ماشىنىسى بېيدوۋنىڭ ئورۇن بېكىتىشى بىلەن تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلدى؛ شايار ناھىيەسى قايلور بازىرىدىكى ئېتىزلاردا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ «بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئۇچۇپ»، پاختىكارلارنى ئۆسۈملۈك ئاسراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى... قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەنزىرىسى دەل شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئۈنۈمىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.
ئىلگىرى، شىنجاڭدىكى ئېتىزلار «پارچە، تارقاق، ئۇششاق» ئىدى، بەزى جايلاردىكى تۇپراقنىڭ شورلىشىشى، قۇملىشىشى ئېغىر بولۇپ، «ئالىقانچىلىك ئېتىز» «ياماق ئېتىز»لار كەڭ تارقالغانىدى.
2004- يىللىق مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاساسىي ئېتىز بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2005- يىللىق مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز» ئۇقۇمى ئىشلىتىلدى؛ 2013- يىلى گوۋۇيۈەن «مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نى تەستىقلاپ يولغا قويدى؛ 2018- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى (2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانلار شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۆنىلىش، نىشان، يول، قەدەم- باسقۇچ ۋە تەدبىرلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى. شىنجاڭ بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىرتۇتاش» (بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بولۇش، بىرتۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇش، بىرتۇتاش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش- باھالاش، بىرتۇتاش خەرىتىگە چۈشۈرۈپ ئامبارغا كىرگۈزۈش) باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىيات- ئىسلاھات، مالىيە، سۇچىلىق قاتارلىق كۆپ تارماقنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، بىر مەيدان يەر بىرىكتۈرۈش ئىنقىلابى قوزغىدى.
«ئىلگىرى ئېتىزلار تارقاق بولۇپ، ئەڭ چوڭى ئون نەچچە مودىن ئاشمايتتى، سۇغىرىش ئۈچۈن نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، ناھايىتى كۆپ كۈچ كېتەتتى.» كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، يەر تېرىغاندا ئېتىزغا بېرىپ سۇغىرىش ھاجەتسىز، گىرخانىدا ۋە يان تېلېفوندىلا تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، يالغۇز بىر ئادەملا 200 مودىن ئارتۇق يەرنى ياخشى پەرۋىش قىلالايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن، يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدىكى 9000 مو يەرنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ پەرۋىش قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇپ، پارچە يەرنى پۈتۈنلەپ، تۈجۈپىلىك پەرۋىش قىلىش شەكىللەندۈرۈلدى. 2023- يىلى، بۇ كەنتتە چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 300 كىلوگىرامدىن كۆپىيىپ 500 كىلوگىرامغا يېقىنلاشتى، بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئىلگىرىكى 300 كىلوگىرامدىن كۆپىيىپ 700 كىلوگىرامغا يەتتى، ھەر مو يەرنىڭ يەر ئوبوروت ھەققى نەچچە 10 يۈەندىن 900 يۈەنگە ئۆستى.
شىنجاڭدا بۇ ئايرىم ئەھۋال ئەمەس. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ «ئالىقانچىلىك ئېتىز»لار كۆركەم ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئونمىڭ مولۇق مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندى. ئۇلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا، تارقاقلىقتىن تۈجۈپىلىككە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىگە گۇۋاھ بولماقتا.
ئەمگەك كۈچى ئېتىزى ئاقىل ئېتىزغا ئايلاندى
لوپنۇر ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە، لوپنۇر ناھىيەسى جۇڭۋاڭ كېۋەز تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گو شىشۆ يانمۇيان مېڭىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئۈچ «تۆمۈر كالا»غا قاراپ تۇراتتى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئېكرانىدا چىقىپ تۇرۇۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار ئۇنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى: «ئىلگىرى بەش ئادەم چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلگەنچە 20 مو يەرنى تېرىيتۇق، ھازىر بىر تىراكتور كۈنىگە 120 مو يەرنى تېرىيدۇ، خاتالىق پەرقى ئىككى سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ».
ئىلگىرى، دېھقانلار تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئېشەكنى ھەيدەپ ئېتىزغا باراتتى، قولىدىكى كەتمەن بىلەن قېتىپ كەتكەن يەردىن چوڭقۇرلۇقى ئوخشاش بولمىغان ئورەكلەرنى كولايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىپايان كېۋەزلىكلەردە تۈپتۈز سىزىقلارنى چىقىرىپ، سۇ ۋە ئوغۇت بىلەن دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىپ، مۇنبەت تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، شىنجاڭ «تەبىئەتكە تايىنىش»تىن «تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش»قىچە بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پەن- تېخنىكىنى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك موتورىغا ئايلاندۇردى.
قەشقەر شەھىرى ئاققاش يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان لى جيەنسەينىڭ 3000 مو كېۋەزلىكىدە، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن ئاقىل چاسا سەپ شەكىللەنگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ھاۋارايىنى بۇلۇتقا قاراپ پەرەز قىلاتتۇق، ھازىر سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىپ تۈپ ئارىلىقىنى بېكىتەلەيمىز؛ ئىلگىرى سۇغىرىشتا پۈتۈنلەي تەجرىبىگە تايىناتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە يان تېلېفوندا تۇپراقنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى كۆرەلەيمىز».
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يۈشى تەرەققىيات رايونىدىمۇ ئوخشاشلا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. بۇ جايدا تۇپراقنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلگەنىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەسى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى ئىلمىي پىلانلاپ، 9 مىليون 750 مىڭ كۇب مېتىر قۇم چۆكتۈرۈپ تەڭشەش كۆلچىكى ۋە 53.6 كىلومېتىرلىق ئۆز بېسىملىق سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى مەبلەغ سېلىپ ياساپ، «زامانىۋى كارىز» سۇ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەر شەكلى پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ئېقىپ كىرىپ سۇغىرىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 27 مىليون 700 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى ئىلگىرىكى %60كە يەتمەسلىكتىن ھازىر %95كە ئۆرلىدى.
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن تۇرسۇننىياز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئەتىيازلىق سۇغىرىشتا ھەمىشە سۇ يېتىشمەي، زىرائەتلەر ياخشى ئۆسەلمەيتتى، ھازىر قۇم چۆكتۈرۈپ تەڭشەش كۆلچىكى ۋە ئۆز بېسىملىق سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى بار بولدى، سۇ بىۋاسىتە ئېتىزغا يەتكۈزۈلۈپ، سۇغىرىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق».
پەن- تېخنىكىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن، ئىلگىرى كۆپ مىقداردىكى ئادەم كۈچىگە تايىنىدىغان ئەمگەك كۈچى ئېتىزى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاقىل ئېتىزغا ئايلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى، ھوسۇل تېخىمۇ كۆپەيدى. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېتىز سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 2018- يىلىدىكى 0.55تىن 2024- يىلى 0.582گە ئۆستى.
كىيىنىش، تويۇنۇش ئېتىزى بېيىش ئېتىزىغا ئايلاندى
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئاران %0.97ىنى ئىگىلەيتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى سۈرئىتى ئۇچقاندەك تېزلەشتى.
يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنىڭ ئۈنۈمى مول ھوسۇللۇق ئېتىزلاردا نامايان بولدى.
2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدا زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 524.8 كىلوگىرامغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 130 كىلوگىرام يۇقىرى بولۇپ، تارىختا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتتى.
ئاشلىقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 2023- يىلىدىكىدىن 24.7 كىلوگىرام ئېشىپ، بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە يېقىنلاشتى.
2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 44 مىليون 400 مىڭ موغا يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن 2 مىليون 28 مىڭ مو ئېشىپ، كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى؛ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭ بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن 4 مىليارد 220 مىليون جىڭ ئاشتى.
شىنجاڭدا ئاساسلىق تېرىلىدىغان ئاشلىق زىرائىتى بولغان بۇغداي ۋە قوناق ھەر ئىككىلىسى مەملىكەت بويىچە بۇغداي، قوناقنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى ياراتتى. بۇغداينىڭ يۈز مولۇق، مىڭ مولۇق، ئونمىڭ مولۇق بىرلىك ھوسۇلىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 795.8 كىلوگرام، 756.2 كىلوگرام، 720.39 كىلوگرام بولغان مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى؛ قوناقنىڭ مىڭ مولۇق، ئونمىڭ مولۇق ۋە مىليون مولۇق بىرلىك ھوسۇلىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1550.15 كىلوگرام، 1392.7 كىلوگرام، 1164.7 كىلوگرام بولغان مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى ھوسۇل يېڭى رېكورتى يارىتىلدى.
سانلارنىڭ ئۆرلىشىگە تىرەك بولغىنى، «كىيىنىش، تويۇنۇش ئېتىزى»دىن «بېيىش ئېتىزى»غىچە بولغان ھالقىش يولى.
مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئابلەخەت ئىدرىس ئىلگىرى ئۆزىنىڭ نەچچە مو يېرىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. «ئىلگىرى ھېرىپ چارچاپ كەتكىچە يەر تېرىساقمۇ، كىرىمىمىز قورساق تويغۇزۇشقىلا يېتەتتى» دېدى ئۇ ئەسلەپ. بۇ جاي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقاندىن كېيىن، كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر كۆپىيىپ، ئاشلىق، پاختا ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۇ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، خوتۇنى بىلەن پەرۋىش قىلغۇچى بولدى، يەنە دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.
«قورساق تويۇش»تىن «ياخشى يېيىش»كىچە، «ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش»تىن «گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»كىچە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قوزغاتقان كۆپەيتكۈچى تەسىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.
ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، شىنجاڭدىكى «بېيىش ئېتىز»لىرىدا «جۇڭگو تاماق قاچىسى»نى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)