ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ) 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا، 13 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىلى يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق خىزمەت بولۇپ، كۆپ تەرەپ كۈچەش كېرەك. ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاقە تورىنىڭ يېڭى تاراتقۇ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپى بەردى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. دىققەتنى سىياسىي يېتەكچىلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇش»نىڭ تايانچىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان، پەن- تېخنىكا تىرەك بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇش»نىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق- تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇش، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخىي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇش»نىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئاچقۇچلۇق، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى قاراتمىلىق قېزىپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە ئوبرازىنى پائال يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىياتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇش»نىڭ مەنبە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كىشىلەر قەلبىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇستەھكەملەش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇقىيات جارمۇقامەت يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، پۇ شۆمېي، ھەسەنجان ئەخمەت، باتۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇردى، ئالاقىدار تارماقلار جاۋاب بەردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)