ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ
ئاپتونوم رايوننىڭ سانلىق مەلۇمات نىزامى قاتارلىق تۆت نىزامغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي، پىراكتىكانت لىن شياڭچېڭ
4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانلىق مەلۇمات نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانلىق مەلۇمات نىزامى»
سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ
سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قوللىنىلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانلىق مەلۇمات نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى) 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن مىڭ «نىزام»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ئامىلنى چۆرىدەپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن يەنىلا يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش كەمچىل بولۇش، تۈزۈم تاكامۇللاشماسلىق، سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش- توپلاش قىيىن بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئېچىۋېتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.
چېن مىڭ مۇنداق دېدى: «نىزام» سانلىق مەلۇمات خىزمىتىدە يولۇققان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەت جەريانىدا يولغا قويۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان سىياسەت ۋە تەجرىبە، ئۇسۇللارنى يەرلىك نىزام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
«<نىزام> سانلىق مەلۇماتلار ئۈچۈن <قىزىل- يېشىل چىراغ> تەسىس قىلغانغا ئوخشايدۇ، يۈرۈشكە تېگىشلىك بولسا يۈرۈش كېرەك، توختاشقا تېگىشلىك بولسا چوقۇم توختاش كېرەك.» چېن مىڭ مۇنداق دېدى: نىزامنىڭ بىرىنچى ماددىسىدىلا مۇنداق تىلغا ئېلىندى: سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشى ۋە قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، «تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىش ۋە قوللىنىش» تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىشەنچلىك، كونترول قىلغىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنچىللىق توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر.
شىنجاڭنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، چېن مىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «نىزام» سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رەقەملەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «نىزام» ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باش سانلىق مەلۇمات ئەمەلدارى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى باش سانلىق مەلۇمات ئەمەلدارى تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، سانلىق مەلۇمات قىممىتىنى يارىتىش، سانلىق مەلۇمات كەسپى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىش مەنزىرىسىنى ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدۇ.
سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «نىزام»دا ئايرىم باب تەسىس قىلىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئالغا سىلجىتىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالىدىغان، پەن- تېخنىكا كەسىپلىرى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىقتىساد، جەمئىيەت يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
چېن مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئۇچۇر يېگانە ئارىلى»«سانلىق مەلۇمات تۇرخۇنى» مەسىلىسىگە قارىتا، «نىزام»دا ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
«نىزام»دا دۆلەت ئورگانلىرى، قانۇن- نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار ھەمدە مائارىپ، داۋالاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ئاممىۋى قاتناش قاتارلىقلار ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار بۇلۇتىغا تايىنىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئېچىۋېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«نىزام»دا يەنە ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش، توپلاش ئۇسۇلى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات مۇندەرىجىسىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، تارماقلار ئارىسىدىكى «سانلىق مەلۇمات توسۇقى»نى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، «نىزام»دا سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك، سەمىمىي بولغان سانلىق مەلۇمات ئامىللىرى بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات سودىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
چېن مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «نىزام»نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايوندا سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تولۇق كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى نىزامى»
ئېتىز سۇ ئىنشائاتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
سۇ ئىنشائاتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)دا ئېتىز سۇ ئىنشائاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئىلمىي پىلانلاش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن مىڭ «نىزام»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سۇغىرىش، سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم «چوڭ تومۇر» بەرپا قىلىپ، ھەم «قىل قان تومۇر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. لېكىن ئەمەلىيەت جەريانىدا تارماقلار ئارا فۇنكسىيەنىڭ ئايرىلىشى دېگەندەك ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.
چېن مىڭ مۇنداق دېدى: «نىزام»دا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى ئايرىم- ئايرىم ئېنىق بېكىتىلدى.
«نىزام»دا ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى مەسئۇلىيەتنى تەڭشەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مەسئۇل تارمىقى ھەم تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە- مۇھىت، ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
چېن مىڭ مۇنداق دېدى: «نىزام»دا يەنە يىرىك پىلان تۈزۈش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن مەخسۇس يىرىك پىلان تۈزۈشنى ئېتىز سۇ ئىنشائاتى يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش؛ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئالاقىدار تەستىقلاش تەرتىپىنى ئادا قىلىش، قۇرۇلۇش باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەم تەلەپ بويىچە ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندى.
شىنجاڭ تىپىك «بوستانلىق ئىگىلىكى، سۇغىرىشقا تايىنىدىغان يېزا ئىگىلىكى» ئەندىزىسىگە تەۋە بولۇپ، ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش، ياخشى باشقۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.
چېن مىڭ مۇنداق دېدى: «نىزام»دا ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلۇش تۈرىگە ئاساسەن قۇرۇلۇشنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش ئاساسىي گەۋدىسى ئايرىم- ئايرىم بېكىتىلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى. يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
«ئېتىزلارنى سۇغىرىش بىلەن سۇ چىقىرىۋېتىشنى باشقۇرۇشقا قارىتا، <نىزام>دا، ئېتىزلارنى سۇغىرىشتا ئالدى بىلەن يەر ئۈستى سۈيىنى ئىشلىتىش، يەر ئاستى سۈيىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، ئېتىزلارنى سۇغىرىشتىكى سۇ ئىشلىتىش باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. ھەم ئېتىزلارنى سۇغىرىشتىكى سۇ ئىشلىتىشنى باھا باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش، ھەقلىق ئىشلىتىش، مىقدار بويىچە ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دەپ تونۇشتۇردى چېن مىڭ.
ئېتىز سۇ ئىنشائاتى ئومۇمىي مەنپەئەتدار ئىش. «نىزام»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدا ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن جەمئىيەت كۈچلىرى سېلىنمىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى يولغا قويۇلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنى ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا يېتەكلەش، جەمئىيەتنى مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بويىچە كۆپ خىل، كۆپ يوللۇق مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.
چېن مىڭ مۇنداق دېدى: «نىزام»دا يەنە دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوللاش، دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاقىل سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، «نىزام»دا بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، كۆچمە ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا قوللىنىشقا ئىلھام بېرىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلىندى.
چېن مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېتىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى، «نىزام»نىڭ چىقىرىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامى»
ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى ماكاننى قوغدايدۇ
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېيتىلىپ كەلگەن قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نىڭ ۋارىسلىق قىلىش سەھىپىسىنى قانداق داۋاملىق پۈتۈش كېرەك؟ شىنجاڭ نىزام چىقىرىش ئارقىلىق قالتىس جاۋاب بەردى − 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام»دېيىلدى)، ماناس ئېپوسىغا «جانلىق ۋارىسلىق قىلىش» ئۈچۈن پۇختا قانۇنچىللىق توسۇقى بەرپا قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئىجتىمائىي نىزام چىقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ سەن «نىزام»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
«ماناس» جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى گۆھەر دەپ تەرىپلىنىدۇ. 2006- يىلى 5- ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 2009- يىلى 10- ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ليۇ سەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «نىزام»دا ئېيتىلغان ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قىرغىز مىللىتىنىڭ قەھرىمانى ماناسنىڭ ھېكايىسىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان نەزمىي ئېپوسنى، ھەمدە ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى، تارقىلىشى، راۋاجلىنىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، ئەمەلىي بۇيۇم، سورۇن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
«نىزام»دا يەنە ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداشقا دائىر مەزمۇنلار جۈملىدىن «ماناس» ئېپوسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاغزاكى ئېيتىلىش نۇسخىسى، ۋارىسلىق قىلىنىش يازما نۇسخىسى، ئەنئەنىۋى ئېيتىش سەنئىتى ۋە ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا دائىر كىيىم- كېچەكلەر، ئەنئەنىۋى چالغۇلار، ئۈن- سىن ماتېرىياللىرى، يادىكارلىقلار ۋە باشقا ئىپادىلەش شەكىللىرى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىلمىي قوغداشنى يولغا قويۇشنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ليۇ سەن مۇنداق تونۇشتۇرۇدى: «نىزام»دا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرىغا قارىتا مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇپ، قوغداشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قوغداش پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك. تارقالغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى، ماناس ئېپوسى تۈرىنى قويدايدىغان ئورۇن، ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى قانۇن بويىچە بېكىتىشى كېرەك؛ ئالاقىدار ئىختىساسلىقلار زاپىسى، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىگە مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، قاتارلىقلار.
ئىختىساسلىقلارنىڭ كۈچ ئۇلىشى ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا جانلىق ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. «نىزام»دا «شارائىتى بار بولغان ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ماناس ئېپوسى ئېيتىش ئۆمىكى قۇرۇش، قىزىقىش سىنىپى (دەرسى) تەسىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەدەت بېرىش» «پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر قاتارلىقلارنى ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تەتقىقات ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەدەت بېرىش» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. «نىزام»دا ماناس ئېپوسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى، تەتقىقاتچى- ئالىملار، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەدەبىيات، سەھنە سەنئىتى، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو- تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.
ليۇ سەن مۇنداق بىلدۈردى: «نىزام» ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشى بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا پايدىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا تۇرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۈچى قوشىدۇ.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى»
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ سىستېمىلىق ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىدۇ
يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى) 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئىجتىمائىي نىزام چىقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ سەن يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ليۇ سەن مۇنداق بىلدۈردى: 2016- يىلى تۈزۈلگەن «نىزام» يېڭى دەۋردە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالماي قالدى، «نىزام»نى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كەلدى، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ سىستېمىلىق ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە يېڭى ئەندىزە كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ.
مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىش مەسىلىسى كۈنسېرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا مۇنداق بەلگىلەندى: مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەم ئۇنى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈپ باھالىشىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىدىن دەسلەپكى مەزگىللىك ئالدىن سىگنال بېرىش، ئوتتۇرا مەزگىللىك بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئىشتىن كېيىن غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.
ليۇ سەن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈستۈن قانۇندىكى ئالدىنى ئېلىش، ئارىلىشىش، تۈزەش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ ۋە تولۇقلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان يەرلىك نىزام شەكىللەندۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشتە ئالدىنى ئېلىش باش ئورۇنغا قويۇلدى، «جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى»گە دائىر مەخسۇس بابتا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەرنىڭ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى نۇقتىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇش بەلگىلەندى.
يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا مۇنداق بەلگىلەندى: مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى گۇڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە قانۇنچىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنى تەكلىپ قىلىش، باشقۇرۇش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىرى خادىملار ئامبىرى قۇرۇپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە قانۇنچىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەمدە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر مەكتەپ سىرتىدىن قانۇنچىللىق يېتەكچىسى تەكلىپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا يەنە جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىپ، ئالاقىدار جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئائىلە تەربىيەسى بويىچە يېتەكلەش ئاپپاراتلىرى، 12355 ياش- ئۆسمۈرلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ھەم ئۇنىڭ تور مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇناسىپ قوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا قىلمىشنىڭ خاراكتېرى ۋە خەتەرلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى، ناچار قىلمىشقا قارىتا ئارىلىشىش، ئېغىر ناچار قىلمىشنى تۈزەش ۋە قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئايرىلدى، شۇنداقلا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، مەكتەپ، ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلار، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىگە قارىتا، دەرىجىگە ئايرىپ مۇناسىپ تەربىيە بېرىش، ئارىلىشىش، تۈزەش، ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى بەلگىلەندى.
ليۇ سەن مۇنداق بىلدۈردى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە، ھۆكۈمەت، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ سىجىل ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)