− شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى لايىھەلەش ئورنى− شاڭخەي شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات باش يۇرتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى جېڭ چېننى مەخسۇس زىيارەت
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايونى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت 1500 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر يېڭى دەرۋازا تۈگۈنىنى ئېچىپ، «ھاۋا يىپەك يولى»غا چوڭقۇر سىڭىشىپ، خەلقئارا تۈگۈن شەھىرى بولۇشقا قاراپ تېز قەدەم تاشلىدى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى «تىنچ- ئامان، يېشىل، ئاقىل، ئادىمىيەت»تىن ئىبارەت تۆت خىل تىپتىكى ئايروپورت بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، يېڭىدىن ئىككى ئۇچۇش- قونۇش يولى، 500 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق شىمالىي رايون ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسى، 350 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسى، 177 ئايروپىلان توختىتىش ئورنى بار بېكەت سۇپىسى قۇردى، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى 4F بولدى.
شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن پەيتتە، مۇخبىر شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى لايىھەلەش ئورنى− شاڭخەي شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات باش يۇرتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى جېڭ چېننى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى قاتناش پىلانىدىكى سىرلارنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، بۇ خەلقئارا تۈگۈننىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.
شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىنىڭ يوللىرى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم ئەتراپ بىلەن قانداق تۇتاشتۇرۇلدى؟
جېڭ چېن: بىز ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىنىڭ يادرولۇق رايونىدا «كۆپ قەۋەتلىك ئايلانما» قاتناش يىغىلىش- تارقىلىش سىستېمىسىنى تەسىس قىلدۇق.
«ئىككى تەرەپتىن كىرىش- چىقىش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، يولغا چىقىش- يېتىپ كېلىش ئورنىنى ئايرىش»تىن ئىبارەت قاتناش تەشكىللەش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلدى، يەنى شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى بىر تەرەپتىن، شەرق، غەرب ئىككى تەرەپتىكى يول بىلەن زىچ تۇتىشىپ، ئىچكى- تاشقى جەھەتتە زور مىقداردىكى ئاپتوموبىل ئېقىمىنى ئالماشتۇرۇشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرقايسى مەخسۇس باغلىما يول ئارقىلىق ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىدىن يولغا چىقىش، يولۇچىلارنى چۈشۈرۈش سۇپىسى، ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلار بىلەن يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇلدى.
ئايروپورت ئەتراپىدىكى تېز سۈرئەتلىك يول سىستېمىسى يىرىك پىلان بويىچە تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، يولۇچىلار ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، غەربىي 2- ئايلانما يولى، S102 ئەنەنچۈ يولى، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى، G7 بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، شەرقىي 2- ئايلانما يولى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە تېز سۈرئەتتە بېرىپ كېلەلەيدۇ. ئوخشاشلا شەرق، غەرب ئىككى تەرەپتىكى تېز سۈرئەتلىك يول ساي تېز سۈرئەتلىك يولى، 1- ئايلانما يولى، 2- ئايلانما يولى، ئالتاي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى قاتارلىق شەھەر رايونىغا يۈزلەنگەن ئاساسلىق يوللارغا تۇتاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى سەپەر قىلىشتا كۆپ خىل يولنى تاللاش شارائىتىگە ئىگە قىلىپ، قاتناش كاپالەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
يولۇچى كۆپ ۋاقىتتا، ئايروپورت قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟
جېڭ چېن: يېڭىدىن قۇرۇلغان شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىنى پىلانلاش، لايىھەلەشتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاساسلىق ئايروپورتلارنىڭ تەجرىبىسىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، كۆپ تەرەپتىن سىستېمىلىق پىلانلىدۇق.
ھازىر شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى بىلەن مېترو 1- لىنىيەسىنىڭ خەلقئارا ئايروپورت بېكىتى ئارىسىغا يانداش تەسىس قىلىنغان «ئايروپورت تېز تىرانسپورت سىستېمىسى» يولۇچىلارنىڭ سەپەر قىلىش تاللىشىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇپ، يەر يۈزى قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئايروپورت لىنىيەسىدە قاتناشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.
ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش كۆتۈرمە يولى ۋە يېڭىدىن ياسالغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە يول يۈرۈشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟
جېڭ چېن: بۇ تۈرنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش يىرىك پىلان لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يول قاتنىشىنىڭ تېز يىغىلىش- تارقىلىشىدا ئاساسلىقى ھازىرقى جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى ۋە شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش يولى، ئايرودۇرۇمغا غەربتىن كىرىش يولىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈگۈن ئارقىلىق ئىچكى- تاشقى قاتناشنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئۈچ تۈگۈننىڭ ئېقىم مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %19، %42، %39نى ئىگىلەيدۇ.
ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش- ئەنەنچۈ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ۋە ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش- ساي يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە بىز كۆپ قەۋەتلىك ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك لايىھەسىنى قوللىنىپ، باغلىما يول بىلەن ئاپتوموبىل يولىنى مۇۋاپىق لايىھەلەش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.
تۇرۇبا كارىدورى ۋە تونىل قانداق ماسلاشتۇرۇلغان؟
جېڭ چېن: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىدىكى 8.41 كىلومېتىرلىق ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورىنىڭ 5.27 كىلومېتىرى يەر ئاستى يولى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان.
ئايروپورت تەۋەلىك رايونى شەھەردىكى باشقا رايونلارغا ئوخشاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، يۇندى چىقىرىش، توك، ئالاقە، يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭ ئاساسىي مۇلازىمىتىگە ئېھتىياجلىق. پىلانغا ئاساسەن، بىر قىسىم مۇھىم تۇرۇبا لىنىيەلىرى شەرق، غەرب ئىككى تەرەپتىن ئايروپورتقا كىرگۈزۈلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى قاتناشنى قانداق ماسلاشتۇرىدۇ؟
جېڭ چېن: ماسلاشتۇرۇش- ئورۇنلاشتۇرۇش تۈگۈننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ. لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش پىلانىدا، بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن ئىقتىدار ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالمىشىش ئېھتىياجى ئەڭ چوڭ بولغان قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئىمكانقەدەر يېقىنلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالمىشىش ئارىلىقىنى قىسقارتىپ، ماسلاشتۇرۇش- ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدۇق.
يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش جەھەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئوخشاش تۈردىكى چوڭ تىپتىكى تۈگۈنلەرنىڭ باشقۇرۇش تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش مەركىزى تەسىس قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئاممىۋى قاتناش (ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، ئايروپورت ئاپتوبۇسى، رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسى)، تاكسى (توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل) قاتارلىقلارنىڭ ئۇلاپ توشۇش مۇلازىمىتىنى ماسلاشتۇردۇق، شۇنداقلا مۇلازىمەت بوشلۇقى بايلىقىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىدۇق.
ھاۋا يولى، تۆمۈريول، قۇرۇقلۇق بىرلەشمە تىرانسپورت دەۋرىدە، ئاھالىلەرنىڭ سەپەر قىلىشى ۋە مال ئەۋەتىشىدە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟
جېڭ چېن: شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى ۋە يۈرۈشلۈك تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ھاۋا يولى، تۆمۈريول، قۇرۇقلۇق بىرلەشمە تىرانسپورتى، يەنى كۆپ خىل شەكىلدىكى قاتناش بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ، بۇ، بىزنىڭ سەپەر قىلىشىمىز ۋە مال ئەۋەتىشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى ئارقىلىق يېقىنقى مەزگىلدە يىلىغا 48 مىليون يولۇچى (قېتىم)، 550 مىڭ توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش پىلانلىغان بولۇپ، 4F دەرىجىلىك ئۇچۇش- قونۇش يولىدىن ئىككىسى كۆپەيتىلدى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش- قونۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ، ئاۋىياتسىيە يولۇچى تىرانسپورتى ۋە يۈك تىرانسپورتى ئىقتىدار دەرىجىسى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان ئايروپورت تېز تىرانسپورت سىستېمىسى ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئېقىمىنى يىغىش- تارقىتىش شەكلىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرىدۇ؛ ئۈرۈمچى گاۋتيې تۈگۈنى تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆمۈريول تورى ئەتراپتىكى شەھەرلەردىكى يولۇچىلار ئېقىمىنى يەنىمۇ جەلپ قىلىپ، ئايروپورتنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قاتارلىق تۆمۈريول، تاشيول ئەشيا ئوبوروتى يىغىش- تارقىتىش بازىلىرىمۇ ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم دەرۋازا تۈگۈنى ئايروپورتى بولۇش سۈپىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك يولۇچىلار ئېقىمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ھەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈك توشۇش، ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، زامان- ماكان تورىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن)
5302- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى بىۋاسىتە خەلقئارا ئايروپورت شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىغا بارىدۇ
4- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 10:30دا، 5302- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى جۇ يەنتاڭ شاجىچۈەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتستىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بۇ ئايروپورت شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىنىڭ ئاممىۋى قاتناشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىغا تۇنجى تۈركۈمدە ماكانلاشقان ئاممىۋى قاتناشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاجىچۈەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتستىن ماشىنىسازلىق زاۋۇتىغا قاتنايدىغان 5302- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى شاجىچۈەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتستىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قاتنايدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، مۇساپىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18.9 كىلومېتىر، بىر قېتىمدا يۈرۈش ۋاقتى تەخمىنەن 60 مىنۇت، بۇ لىنىيەدە ئايروپورت شەرقىي بېكىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا شىمالىي يولى شىمالىي بېكىتى، يىڭبىن شىمالىي 1- يولى بېكىتىدىن ئىبارەت ئۈچ بېكەت- نۇقتىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، پۈتۈن لىنىيەدە 15 جۈپ قوش يۆنىلىشلىك بېكەت ۋە ئىككى يەككە يۆنىلىشلىك بېكەت- نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، سەككىز ئاپتوموبىل سەپلەندى، ھەر 30 مىنۇتتا بىر ئاپتوبۇس يولغا چىقىدۇ. (مۇخبىر لياڭ شۇفاڭ)
يول يۈرۈش كۆرسەتمىسى
شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىغا كۆپ خىل قاتناش شەكلى ئارقىلىق بارغىلى بولىدۇ
2025- يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 0:00دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي رايون T3 ،T2 ،T1 ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسى ۋاقتىنچە ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ، بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىغا يۆتكەپ يۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يېڭى ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېپيېڭى ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرتىپ لايىھەسى، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت كەڭ يولۇچىلارغا تېخىمۇ قولايلىق، ئازادە سەپەر قىلىش تەسىراتى بېرىدۇ.
يولۇچىلار شەھەر رايونىدىن شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىغا قانداق بارىدۇ؟ ئايروپىلاندىن چۈشكەن يولۇچىلار قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قانداق ئولتۇرىدۇ؟ مۇخبىر تۆۋەندىكى سەپەرگە چىقىش تاكتىكىسىنى رەتلەپ چىقتى.
تاكسى
دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىن چۈشكەن يولۇچىلار ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسى 2- قەۋىتىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بەلگە تاختىسىدا ئەسكەرتىلگەن كۆرسەتمىگە ئاساسەن، پەلەمپەي لىفىت ياكى ساندۇقسىمان لىفىتقا ئولتۇرسا، ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىنىڭ 1- قەۋىتىدىكى تاكسىغا ئولتۇرۇش نۇقتىسىغا ئوڭايلا بارالايدۇ، مۇشۇ يول بىلەن ماڭسا تاكسىغا ئولتۇرۇش ناھايىتى قولايلىق.
ئايروپورت تېز سۈرئەتلىك لىنىيە ئاپتوبۇسى
ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىدىكى يۈك- تاق ئېلىش زالى چىقىش ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىغا ئايروپورت تېز سۈرئەتلىك لىنىيە ئاپتوبۇسىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە شەھەر رايونى مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسى ۋە شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك لىنىيە ئاپتوبۇسىنىڭ بېلىتى سېتىلىدۇ. بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالمىشىش مەركىزىدىكى ئاپتوبۇس كۈتۈش زالىغا بارسا بولىدۇ، بېلەت سېتىۋالالمىغانلار بېلەتنى ئاپتوبۇس كۈتۈش زالىدا سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، ئاندىن ئاپتوبۇس ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئاپتوبۇسقا چىقسا بولىدۇ.
شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك لىنىيە ئاپتوبۇسى
شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك لىنىيە ئاپتوبۇسى سىزنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلەرگە بېرىش ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدۇ، بېلەتنى ئوخشاشلا ئايروپورت تېز سۈرئەتلىك لىنىيە ئاپتوبۇس بېلىتى سېتىش نۇقتىسىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالمىشىش مەركىزىدىكى ئاپتوبۇس كۈتۈش زالىدىن ئاپتوبۇسقا چىقسىڭىز بولىدۇ.
توردا تاكسىسى، شەخسىي ئاپتوموبىل
تور تاكسىسى ۋە شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرماقچى بولغان يولۇچىلار قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالمىشىش مەركىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسىغا بېرىپ ئاپتوموبىلغا چىقسا بولىدۇ، ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسى ھەر بىرى ئالتە قەۋەتلىك كەلگەن P1 ۋە P2دىن ئىبارەت ئىككى بىناغا بۆلۈنىدۇ، شەخسىي ئاپتوموبىلنى P1 ۋە P2 ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسىنىڭ 1- قەۋىتىدىن 5- قەۋىتىگىچە توختىتىشقا بولىدۇ؛ توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل P2 ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسىنىڭ 6- قەۋىتىدە توختىتىلىدۇ، يولۇچىلار شوپۇر ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ ئۇچرىشىش نۇقتىسىنى بېكىتىپ، شۇ جايغا بېرىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرسا بولىدۇ.
ئايروپورت «تېز توشۇش سىستېمىسى»
ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىسلىق قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «تېز توشۇش سىستېمىسى»نى ئېچىپ، خەلقئارا ئايروپورت بىلەن خەلقئارا ئايروپورتنىڭ شىمالىي رايونىنى تۇتاشتۇردى، يولۇچىلار رېلىسلىق قاتناش 1- لىنىيەسىنىڭ خالىغان بېكەت نۇقتىسىدىن مېتروغا ئولتۇرۇپ خەلقئارا ئايروپورتىغا بارغاندىن كېيىن، «تېز توشۇش سىستېمىسى»غا ئالمىشىپ بىر بېكەت ئولتۇرسا، تەخمىنەن ئۈچ مىنۇتتىلا خەلقئارا ئايروپورتنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىغا بارالايدۇ.
ھەرقايسى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرۇش لىنىيەسى
تاكسىغا چىقىش لىنىيەسى: ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى يېتىپ بېرىش قەۋىتى ← ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ 1- قەۋىتى ← تاكسىغا ئولتۇرۇش نۇقتىسى ← تاكسى قوزغىلىدىغان جاي.
ئايروپورت ئاپتوبۇسى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقىش لىنىيەسى: ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى يېتىپ بېرىش قەۋىتى ← 4- قەۋەتتىكى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالمىشىش مەركىزى ← 3- قەۋەتتىكى ئاپتوبۇس كۈتۈش زالى← 3- قەۋەتتىكى ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان جاي.
ساياھەت ئاپتوبۇسىغا چىقىش لىنىيەسى (ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان جاي): ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىدىكى يېتىپ بېرىش قەۋىتى ← 4- قەۋەتتىكى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالمىشىش مەيدانى ← 1- قەۋەتتىكى ساياھەت يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى ← ساياھەت ئاپتوبۇسىغا چىقىدىغان جاي.
مېتروغا چىقىش لىنىيەسى: ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىدىكى يېتىپ بېرىش قەۋىتى ← 4- قەۋەتتىكى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالمىشىش مەيدانى ← 3- قەۋەتتىكى مېترو كۈتۈش زالى ← 3- قەۋەتتىكى «ئايروپورت تېز توشۇش» بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش رايونى ← مېتروغا چىقىدىغان جاي.
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنىڭ ئايروپورتتا يول يۈرۈش لىنىيەسى
ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش يولىدىن سەپەرگە چىقىش قەۋىتىگىچە بولغان يول لىنىيەسى: ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ← غول يولدىن چۈشىدىغان جاي ← ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئايلانما شەكىللىك رايونىغا كىرىش كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ← كۆرسىتىش تاختىسىغا ئاساسەن ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ سەپەرگە چىقىش قەۋىتىگىچە بولغان يول.
ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش يولىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسىغىچە بولغان يول لىنىيەسى: ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ← غول يولدىن چۈشىدىغان جاي ← ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئايلانما شەكىللىك رايونىغا كىرىش كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ← كۆرسىتىش تاختىسىغا ئاساسەن P2 ، P1 ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ تۆت قەۋىتىگە كىرىش ئېغىزى.
ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش يولىدىن ساياھەت يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزىگە بارىدىغان يول لىنىيەسى: ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ← غول يولدىن چۈشىدىغان جاي ← سول تەرەپتىكى يول (كۆۋرۈككە چىقمايدۇ) ← كۆرسىتىش تاختىسىغا ئاساسەن ساياھەت يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزىگە بېرىش.
ئايرودۇرۇمغا غەربتىن كىرىش يولىدىن سەپەرگە چىقىش قەۋىتىگە بارىدىغان يول لىنىيەسى: ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ياكى S114تىن ئايروپورت كىرىش ئېغىزىغا بېرىش ← ئايرودۇرۇمغا غەربتىن كىرىش تونىلىدىن چىقىش ← ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىنىڭ ئايلانما شەكىللىك رايونىغا كىرىش كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ← كۆرسىتىش تاختىسىغا ئاساسەن ئاۋىياتسىيە پونكىتى بىناسىنىڭ سەپەرگە چىقىش قەۋىتىگىچە بولغان يول.
ئايرودۇرۇمغا غەربتىن كىرىش يولىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسىغىچە بولغان يول لىنىيەسى: ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ياكى S114تىن ئايروپورت كىرىش ئېغىزىغا بېرىش ← ئايرودۇرۇمغا غەربتىن كىرىش تونىلىدىن چىقىش ← 100 مېتىر مېڭىپ سولغا بۇرۇلۇش ← كۆرسىتىش تاختىسىغا ئاساسەن P2 ، P1 ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ 1- قەۋىتىگە كىرىش ئېغىزى.
ئايرودۇرۇمغا غەربتىن كىرىش يولىدىن ساياھەت يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزىگە بېرىش لىنىيەسى: ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ياكى S114تىن ئايروپورت كىرىش ئېغىزىغا بېرىش ← ئايرودۇرۇمغا غەربتىن كىرىش تونىلىدىن چىقىش ← سول تەرەپتىكى يول (كۆۋرۈككە چىقمايدۇ) ← كۆرسىتىش تاختىسىغا ئاساسەن سولغا بۇرۇلۇپ ساياھەت يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزىگە كىرىش. (مۇخبىر لى كەي)
مۇخبىرنىڭ زىيارىتى
يېڭى ئەسلىھە . يېڭى مۇلازىمەت . يېڭى تەسىرات
4- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدىن كەلگەن بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئومۇميۈزلۈك شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىغا يۆتكەلدى. كەلگۈسىدە كىرگۈزۈش- چىقىرىش ئىقتىدارى %70تىن كۆپرەك ئۆسىدۇ، يېقىنقى مەزگىلدە، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 48 مىليون ئادەم (قېتىم)غا، يۈك- پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 550 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، يىلىغا 367 مىڭ (قېتىم) نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇپ- قونىدۇ... «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى رايون دەرۋازىسىلىق بىرىكمە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتتە نامايان بولۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمى ۋە يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى تولۇق ئۆستۈرىدۇ. (مۇخبىر لى كەي)
4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى ئىچىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغان شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن مەنزىرە كۆرۈنۈشى. (مۇخبىر شى لېي فوتوسى)
4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىدىكى ھەرقايسى كارىدورلاردا ھەر تەرەپتىن كەلگەن يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش تەييارلىقى پۈتتى. (مۇخبىر شى لېي فوتوسى)
4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىدا يۈك- تاق سۆرەيدىغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. (مۇخبىر چېن يەن فوتوسى)