ئوتتۇرا ئاسىيا (قورغاس) تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 7- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
17:31:19 2025-04-18 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) «جەلپكار ئوتتۇرا ئاسىيا . قورغاستىكى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە جەم بولۇش» باش تېما قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا (قورغاس) تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 7- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە قورغاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 كۆرگەزمىنى شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا خەلقئارا كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرىدۇ، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاپپارات ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ. كۆرگەزمىدە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، جۇڭگو تاۋارلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تاۋارلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم- كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ماشىنا- ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئون نەچچە نۇقتىلىق ساھەنى قاپلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باشلىقلار مۇنبىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق 20 نەچچە مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەت بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى (زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125