4- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتوبۇس گەۋدىسىگە «ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان BRT خاس لىنىيەسى» دېگەن بەلگە بېسىلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ بېييۇەنچۇن بېكىتىگە كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش 5- لىنىيەسىنىڭ «ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئاپتوبۇس» مەخسۇس لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
شەھەرنىڭ يادرولۇق تۇرمۇش رايونى، دوختۇرخانا، سودا ساراي ۋە تاللا بازار، باغچا قاتارلىق ياشانغانلار كۆپ بارىدىغان جايلاردىن ئۆتىدىغان بۇ ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ياشانغانلارغا دوستانە تىپتىكى «بىخەتەر، راھەت، قولايلىق» ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسىگە ئايلاندى.
4- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش 5- لىنىيەسىدىكى «ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئاپتوبۇس»نىڭ تۆۋەنكى دەسسەش تاختىسى 1- دەرىجىلىك دەسسەش تاختىسى ئۆلچىمىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا چىقىش- چۈشۈشىگە قولايلىق يارىتىلغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى ئومۇمىي مۇساپە بويىچە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش 5- لىنىيەسىگە سېلىنغان 30 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ تۆۋەنكى دەسسەش تاختىسى 1- دەرىجىلىك دەسسەش تاختىسى ئۆلچىمىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، پەلەمپەينىڭ ئېگىزلىكى ئەنئەنىۋى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا قارىغاندا %40 تۆۋەنلىتىلگەن، چاقلىق ئورۇندۇقنى ئاپتوبۇسقا چىقىرىش- چۈشۈرۈشكە ئۇزىراش- قىسقىراش تاختىسى ماس سەپلەنگەن بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارنىڭ چىقىش- چۈشۈشىگە قولايلىق يارىتىلغان.