ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا سودا- سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ھەم 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىش بويىچە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنى سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ھازىر بار بولغان تاشقى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلار چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىق سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ كىرەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ھەم 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىش بويىچە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنى سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش» تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىك ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي كۆزىتىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق مەسىلە، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا چىڭ قادىلىپ، نازارەتچىلىكنى قاتتىق، ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈزىتىشكە، ئەمەلىي تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە نامايان قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە دەل جايىدا زەربە بېرىپ، چېگرا پورتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم تۈرتكىلىك خاراكتېرى، يېتەكلەش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسىنى قوزغىتىپ، ئىستېمال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىستېمالنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مەركەزنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 2025- يىللىق نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى بۆلەك رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلەك رايونلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى، سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىش ئۈنۈمى، ئوچۇق ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا، كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تىجارەت- سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا، تەسىر كۆرسىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى يەنىمۇ قوللاش، ئاپتونوم رايوننىڭ جايلاردىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، دەل جايىدا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولغان پۇل مۇئامىلە تەمىناتىنى سىجىل كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جايلاردىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىشنى پائال مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.