ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
09:15:00 2025-04-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېخىمۇ قولاي بولدى

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى رۇشيۇڭ، ما يىنىڭ) 4- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت نۆلدە، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى تىجارەت سىستېمىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، يىلىغا 48 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش، 550 مىڭ توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش كاپالەت ئىقتىدارى ھازىرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇلدى.

شەرقتىن قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، ئەتىگەن سائەت 8لەر ئەتراپىدا، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6901 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىنىڭ يېڭى ئۇچۇش يولىدىن سىيرىلىپ مېڭىپ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغىدى.

«ئىنتايىن ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، يېڭى ئاۋىياتسىيە رايونى تېخىمۇ ئىلغار يول باشلاش ئەسلىھەلىرىگە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈش سىستېمىسىغا، تېخىمۇ بىخەتەر ئۇچۇش كاپالىتىگە ئىگە ئىكەن» دېدى CZ6901 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ باشلىقى نى جىچياڭ.

2019- يىلى ئىش باشلانغان شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشى بولۇپ قالدى، يېڭىدىن ئىككى ئۇچۇش يولى كۆپەيتىلىپ ۋە قۇرۇلۇش كۆلىمى 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى يېڭىدىن سېلىنىپلا قالماي، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئاپتوماتىك بېجىرىش، يۈك- تاقلارنى ھاۋالىلىك توشۇش، چىراي پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق ھالقىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان قاتناش مەركىزىدە يەنە ئاۋىياتسىيە بىناسىدىن چىقماي تۇرۇپلا مېترو، كوچا ئاپتوبۇسى، تاكسى قاتارلىق قاتناش قوراللىرىغا يۆتكىلىپ ئولتۇرغىلى بولىدىغان بولدى.

«بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرغىنىمدا، شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ماڭا چوڭ بىر خۇشاللىق بېغىشلىدى، بۇ بولسىمۇ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ھالىتى» دېدى CZ6901 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچى نۇرگۈل مەمەت پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى «رايون ئورنى كۆزنىكى بىرىكمە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى.

«سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى، ئەسلىدىكى ئۈچ ئاۋىياتسىيە بىناسى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى» دېدى شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ خۇڭفېڭ.

2011- يىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، «10 مىليون دەرىجىلىك» چوڭ تىپتىكى ئايروپورتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى؛ 2016- يىلى 20 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ 2024- يىلى 27 مىليون 765 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتتى. 2024- يىلى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ تىجارەت لىنىيەسى جەمئىي 259غا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 26سى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن جەمئىي چەت ئەلدىكى 22 شەھەر، شىنجاڭ سىرتىدىكى 71 شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 21 شەھەرگە ئايروپىلان قاتنىدى.

«شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىنجاڭ ئىچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، دۆلەت ئىچىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئاسىيا- ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.» خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ جۈنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ھەرقايسى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى بىلەن تەدرىجىي ھالدا بىرنى يادرو، كۆپنى قوشۇمچە قىلغان، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشقان ئىقتىدار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان، پۈتۈن تور ئۇلانغان» ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T3 ،T2 ،T1 ئاۋىياتسىيە بىناسى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشتىن ۋاقتىنچە توختىتىلدى، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىغا قاتنايدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بىردەك شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىدا تىجارەت قىلىشقا يۆتكەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125