ئىككى ياشلىق قىزچاق چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى، 2000- يىللاردا تۇغۇلغان ئايال ياردەمچى ساقچى باتۇرلۇق بىلەن قىزچاقنى قۇتقۇزدى
09:18:00 2025-04-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا

«ھازىر سول قولۇم سەل ئىششىپ قالدى، قۇلىقىممۇ سەل غۇڭۇلداۋاتىدۇ، باشقا چوڭ چاتاق يوق»، دېدى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، 25 ياشلىق ياردەمچى ساقچى بۇپاتەم ئابدۇقادىر تېلېفوندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا. بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇ بېلىگە بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى باغلاپ، دىيامېتىرى ئارانلا 40 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 40 مېتىر كېلىدىغان تاشلاندۇق قۇدۇققا «قىستىلىپ» چۈشۈپ، ئىككى ياشلىق بىر قىزچاقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇنىڭ باتۇرانە ھەرىكىتى سانسىزلىغان تورداشنى تەسىرلەندۈردى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئالى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تۈرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇنىڭغا «تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى» تارقىتىپ بەردى.

بۇپاتەم كىچىكىدىنلا ساقچى بولۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، گەرچە داشۆدە ماشىنا- ئېلېكتىر كەسپىدە ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن- ئاخىر غايىسىدىن ۋاز كەچمىدى. 2023- يىلى 5- ئايدا، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ لوپ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ھاڭگىيا ساقچىخانىسىدا ياردەمچى ساقچى بولدى.

4- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 10دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى لەڭگەر ئېرىق كەنتىدىكى ئىككى ياشلىق بىر قىزچاق ئارقا ھويلىدا ئويناۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تاشلاندۇق چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، لوپ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى دەرھال ساقچىلارنى نەق مەيدانغا بېرىشقا ماسلاشتۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقىنىڭ 40 مېتىر، دىيامېتىرىنىڭ پەقەت 40 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. توۋلاش ئارقىلىق قىزچاقنىڭ ئەس- ھوشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، لېكىن قورقۇش سەۋەبىدىن توختىماي يىغلىغاچقا، ئاۋازى ئاجىز چىقىۋاتاتتى. قۇدۇق ئىچىدە ئوكسىگېن شالاڭ بولۇپ، يۇمشاق تۇپراق ۋە قۇدۇق ئاستىغا يىغىلىپ قالغان سۇ مۇھىتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەچكە، ھەر ۋاقىت گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئېھتىمالى بار ئىدى. تېخىمۇ قىيىن بولغىنى، قۇدۇق ئېغىزى بەك تار بولۇپ، ئادەتتىكى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمىغاچقا، نەق مەيدان كەيپىياتى بىرمەھەل جىددىي تۈس ئالدى.

«قۇدۇق ئېغىزى بەك كىچىك ئىكەن، پەقەت چۈشكىلى بولمايدىكەن!» خىزمەتداشلىرى قاتتىق تىت- تىت بولۇۋاتقاندا، ئورۇق كەلگەن بۇپاتەم ساقچى فورمىسى چاپىنىنى سېلىۋېتىپ، قەتئىيلىك بىلەن: «مەن سىناپ باقاي!» دېدى، ئۇ بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى باغلاپ، تار قۇدۇق ئېغىزىغا تەستە قىستىلىپ كىردى. تۆۋەنلەش جەريانىدا، قۇدۇق تېمىدىكى لاي- توپىلار توختىماي سويۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈستبېشىغا چۈشتى، بىلىكى ۋە دۈمبىسىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى سۈرۈلۈپ زەخىملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردى، قۇدۇق ئاستىغا چۈشكەندە، ئۇ قىزچاقنىڭ پاتقاققا مەيدىسىگىچە پېتىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

«سىزنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم، قورقماڭ!» بۇپاتەم پەس ئاۋازدا تەسەللى بەرگەچ، بالىنى پاتقاق ئىچىدىن ئاۋايلاپ تارتىپ چىقىرىپ باغرىغا باستى. قىزچاققا بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى باغلاپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: «ئاۋۋال بالىنى تارتىپ چىقىرىڭلار!» دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ بەدىنى ئاستا- ئاستا پاتقاققا پېتىپ كېتىۋاتاتتى.

بۇپاتەم ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئەھۋالغا تۇنجى قېتىم يولۇقۇشۇم بولغاچقا، مەنمۇ قورقتۇم. قۇدۇق ئاستى ھەم سوغۇق، ھەم قاراڭغۇ ئىكەن، بىراق بەختكە يارىشا بالىغا ھېچ ئىش بولمىدى».

قىزچاق مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇپاتەممۇ يەر يۈزىگە تارتىپ چىقىرىلدى. ئۇ پۈتۈن بەدىنى لايغا مىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، بىرىنچى ۋاقىتتا قىزچاقنىڭ سىيماسىنى ئىزدىدى. بالىنىڭ ئامان- ئېسەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى، ئاپئاق چىشلىرى لاي ئىزنالىرى ئىچىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

4- ئاينىڭ 17- كۈنى، دوختۇرخانىدا بىر كېچە كۆزىتىلگەن بۇپاتەمنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ ياخشى ئىدى. ئۇ قۇتقۇزۇپ چىققان قىزچاق ئەتىگەندىلا ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇنى يوقلاپ كىردى. بۇپاتەمنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن سول قولىنى كۆرۈپ، بالا چۈشەنگەندەك ئۇنىڭ قولىنى يېنىك سىلىدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قۇتقۇزۇۋېلىنغان قىزچاق بىلەن بۇپاتەمنىڭ سالامەتلىكىدە چوڭ مەسىلە يوقلۇقى ئېنىقلاندى.

ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ھەمدە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى ئالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇپاتەم تارتىنغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى: «ساقچى بولۇش مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزۇيۇم ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە باشقا سەپداشلىرىمغا ئوخشاش ئامما خەتەر ئىچىدە قالغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالىغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم. مەن بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشقا ئىشلىتىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125