ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
08:16:00 2025-04-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

نۇقتىلىق كەسىپ ۋە تۈرلەر ئارقىلىق تىرەك بولۇش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەش كېرەك

جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى تىيەنشەنشىڭ قىممەتلىك مېتاللار چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ۋە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا نۇقتىلىق كەسىپ ۋە تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشىغا پائال سىڭىشىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپ ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسنى كۈچەيتىدىغان، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان، تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوتتۇراھال قېلىن تاختىلىق قاچىلاش ئۈسكۈنىسى ۋە پىرېسلاش قېلىپى تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈرنى پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى پائال تەتقىق قىلىپ، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىدىكى يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەرنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنى تىرىشىپ ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش ۋە زورايتىش كېرەك.

جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىدە، ما شىڭرۇي سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پاختىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئورۇنلاشتۇرماقتا، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى توپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. كەسىپ پۈتۈن زەنجىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزلەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ كۆلىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشىگە، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ما شىڭرۇي يەنە ئۈرۈمچى تيەنشەنشىڭ قىممەتلىك مېتاللار چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، ئالتۇننى ئىنچىكە تاۋلاش ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپى، كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى سورىدى، كارخانىلارغا بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلىرىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تاپىلىدى. خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، قارىغۇلارچە پايدا قوغلىشىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، بىر ئىش قىلسا شۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە مەھكەم قويۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، باشلامچى كارخانىلار، چوڭ- چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە چىڭ قادىلىپ سىجىل كۈچەپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. توپ زەنجىرىدىكى يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك، ھاسىلات كۆلىمى چوڭ، يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى يۇقىرى، يادرولۇق رىقابەت كۈچى گەۋدىلىك، بازار ئىستىقبالى پارلاق بولغان بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپلەر توپىدىكى «توپ باشلامچىسى» كارخانىلىرى ۋە كەسىپ زەنجىرىدىكى «زەنجىر باشلامچىسى» كارخانىلىرىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: نەزەر دائىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، رايون تەرەققىياتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېتەكچى كەسىپ، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادىي سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال تۈردە پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سىجىل تۈردە ئاساسنى پۇختىلاپ، قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جىن جىجېن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125