ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر خېي خۇڭۋېينىڭ جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تاۋار سودا كۆرگەزمىسى» دېيىلدى)نىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىغا سودىگەر چاقىرىش ۋە كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، 4- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ۋيېتنام، ئىران، پاكىستان، ئۇرۇگۋاي، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كامبودژا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 دۆلەت كۆرگەزمە ۋە يىغىنغا قاتنىشىشنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەن، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، كۈندىلىك خىمىيە سانائىتى بۇيۇملىرى، ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ھەم دالا تەنھەرىكەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىدا مەۋقە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى» بولۇش ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاۋار سودىسى قىلىش، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۇپا كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىدا يەنە دۆلەتلەر باش تېما سارىيى، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى ھەم تور بۇلۇت كۆرگەزمىسى سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، «كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تاۋارغا ئايلىنىش، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلارغا ئايلىنىش»قا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ نەتىجىلىرى ئاساسىدا، سېربىيە دۆلەت سارىيى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى «ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئائىلىسى»گە رەسمىي ماكانلىشىپ، تۇنجى بولۇپ شىنجاڭغا ماكانلاشقان ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلىتىنىڭ خاس تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش سۇپىسى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، سېربىيەنىڭ Rakija مېۋە بىراندى ھارىقى، تېسىلا قىزىل ھارىقى، ياۋا گىلاس شىرنىسى قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن مەھسۇلاتى بۇ سۇپا ئارقىلىق شىنجاڭ بازىرىغا كىرىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىلىش سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە، يەنە ئاسىيا- ياۋروپا كەسىپ سېلىنمىسى باشلىقلار يىغىنى ۋە نەچچە ئون مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇنىدىكەن.
كۆرگەزمە كاتىبات باشقارمىسى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا سىجىل جەلپ قىلىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئىقتىساد- سودا «ئالتۇن يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشىمىز.