ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى
08:25:00 2025-04-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)نى تەكشۈرۈش خىزمىتى لايىھەسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىدىيەۋى تونۇش يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا تولۇق تەييارلىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: 15- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، 15- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ رايى، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى تولۇق توپلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 15- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشنى ئىلمىي پايدىلانما بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئارزۇسى، ئۈمىدىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارزۇ قىلىۋاتقان ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «ئالتۇن تەدبىر»لىرىنى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ۋاقىت تۈگۈنىنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۇپا ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپ خىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شەكلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ئاممىنىڭ ساداسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، چۈشىنىشلىك، سالمىقى بار، قىممىتى بار، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان پىكىر- تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 15- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۈزۈش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 14 تارماقتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 15- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125