ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 32 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.
1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 7 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %24ىنى ئىگىلىدى، بۇ، 2 مىليون 180 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 5 مىليون 880 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.
بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى _ گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 17 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈلدى، قومۇلنىڭ جەنۇبى _ جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 11 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈلدى، ئىككى تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %90ىنى ئىگىلەپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»نىڭ تايانچلىق رولىنى تولۇق نامايان قىلدى.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم توك يەتكۈزۈش ئۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 189 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.62 ئاشتى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى توك مەنبەسى، يول ۋە بازار قاتارلىق بايلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، بازارلاشقان سودا شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى سىجىل كېڭەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولغان سىرتقا توك يەتكۈزۈش سودا سىستېمىسى شەكىللەندى، 1- پەسىلدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئالدىن پىلانلانغان پۈتۈشۈش كۆلىمى 6 مىليارد 790 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشتى.
شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى ئۆلكىلەر ئارا يېشىل توك سودىسىنى 24 سائەت ئىچىدە ۋاقىتقا بۆلۈپ قانات يايدۇرۇشنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئەگرى سىزىقىغا ماسلاشتۇردى، 2025- يىلى ئۆلكىلەر ئارا يېشىل توك سودىسى 3 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن %19 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاي ئىچىدىكى بازاردا «تەكشى بۆلەك + تۆۋەن پەللە بۆلىكى» قوش تۈركۈم قېتىم سودىلىشىش ئەندىزىسىنى ئىجادىي قوللىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېشىل توكنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە كۈچ قوشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)