ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كوللېكتىپ خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
09:38:44 2025-04-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلار بىخ سۈردى، باھاردا ھەممە جاي ئۈمىدكە تولدى. گۈزەل باھار پەسلىدە، 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى- بەنفاڭگوۋ، ئۈرۈمچى- شۇيشىگوۋ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېكولوگىيە ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، كوللېكتىپ خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆپ يىل ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى- بەنفاڭگوۋ، ئۈرۈمچى- شۇيشىگوۋ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە 30 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى ئېكولوگىيە ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، كەڭ كەتكەن بۈك- باراقسان دەل- دەرەخلەر ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. ئورمان بىنا قىلىش نەتىجىسىگە تايىنىپ، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت شەھەر ئەتراپى دالا باغچىسى قۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھرىلىنىدىغان يېشىل ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلىشنى پىلانلىماقتا. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپلا، گۈرجەكنى ئېلىپ، كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك قىلدى. كۆپچىلىك گۈرجەك بىلەن توپا ئۇسۇپ، توپا يۆلەپ قىر چىقىرىپ، سۇ ئەكېلىپ سۇغىرىپ، ئارقا- ئارقىدىن كۆچەت تىكتى. كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن بۇ رايوننىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ۋە دالا باغچىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىككە پىلان لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، باغچىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بەرپا قىلىشنى تاپىلىدى. ئۇ يەنە سەمىمىي ھالدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.

 ما شىڭرۇي پائالىيەت مەزگىلىدە مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭدا دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مۇھىمى ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئېھتىياجى، سۇ بايلىقى چەكلىمىسى قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، شەھەر- يېزىلارنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئەمەلىي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى راۋاجلاندۇرۇش، يېشىللىقنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇشتا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنى تېخىمۇ كۆكەرتىش، يەرلىرىنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يىل تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلاردا ئىلمىي تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاشالانغان گىرۋەكنىڭ يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ كەڭلىكىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «يېشىل شارپا»نى تېخىمۇ قېلىن قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

 بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 200 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش، 4 مىليون 800 مىڭ مو يەرگە ئوت- چۆپ تېرىپ ياخشىلاش، 3 مىليون مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملاش پىلانلاندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125