ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان پاختا ئۈچۈن مەخسۇس ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى ئورنىتىلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاينىڭ 13- كۈنى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانىدىكى «ئاساسلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى» نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرى − «پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى كەڭ كۆلەمدە ماشىنىلاشتۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش، ئەلا سۈپەتلىك قىلىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە قوزغىتىلىپ يولغا قويۇلغان. بۇ ئاكادېمىيە مەملىكەت بويىچە پاختا ساھەسى پەن تەتقىقاتىدىكى ئەۋزەل ئورۇنلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان پاختا ئۈچۈن مەخسۇس ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى ئورنىتىپ، پاختىنى كەڭ كۆلەمدە ماشىنىلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %97تىن ئاشتى. لېكىن، ماشىنىلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى يەنە دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھوسۇل بىلەن سۈپەتنىڭ ماس ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى تېخنىكا بوغما ھالىتى بولۇپ قالدى.
«بۇ تۈر دەل مۇشۇ بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان.» جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شيەنلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈر شىنجاڭ پاختىسىنى كەڭ كۆلەمدە ماشىنىلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشتىكى يادرولۇق ئاغرىق نۇقتىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق يېڭى سورتلارنى تاللاش، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك، ئاددىي ئۆستۈرۈش، تۈجۈپىلىك ئوغۇتلاش، سۇغىرىشنى باشقۇرۇش، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇچۇرلىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، «سورت − مۇھىت − ئۆستۈرۈشنى تەڭشەش- تىزگىنلەش»نىڭ ئورگانىك ماسلىشىشىنى ئىجادىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاختا كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى مۇھىم پەن- تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈردە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىشقا ماس كېلىدىغان، ئوندىن 15كىچە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەز سورتى پەرقلەندۈرۈپ باھالىنىپ، پاختىنى يېشىل، ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تۈرىدىن سەككىزدىن ئونغىچە بەرپا قىلىنىپ، يېشىل، ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سىستېمىسىدىن يەتتە يۈرۈشتىن توققۇز يۈرۈشكىچە توپلاشتۇرۇلىدىكەن. مىڭ مو ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا پاختا مەھسۇلات مىقدارىنى %10تىن %15كىچە ئاشۇرۇش، يادرولۇق سۈپەت كۆرسەتكۈچىنى %5تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش كۆزلەنگەن.
«تېخنىكا سىستېمىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى 1 مىليون مودىن ئارتۇق كېڭەيتىپ، 20 مىليون مو يەردىكى پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىمىز، يېتەكلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى غالىب ئەرشى مۇنداق تونۇشتۇردى: تارىم داشۆ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنى قاتارلىق كۆپلىگەن پەن تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ، پەن ھالقىغان تەتقىقات كوللېكتىپى تەشكىللەپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش» بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، تېخنىكىدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق، تۈرلەردىكى «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)