ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ
4- ئاينىڭ 15- كۈنى، ساياھەتچىلەر كۇچا تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى كۆرگەزمە مەركىزىگە كىردى، رەقەملەشتۈرۈلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى بىلەن ساياھەتچىلەر ھەمتۈرتكە بولدى، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى تەگكىنى مىڭ يىللىق مەدەنىيلىك تومۇرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى زامان- ماكان ھالقىغان مەدەنىيەت ئورتاق تونۇشى بولدى.
«رەقەملەشتۈرۈپ كۆرگەزمە قىلىش شەكلى مىڭ يىللىق كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئاۋاز، نۇر، ئېلېكتىر ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىپتۇ، كۈسەن قەغەز بەتلىرىدىلا توختاپ قالماي، بەلكى ئۇزاق تارىخىي ئېقىنلاردىن ئۆتۈپ ساياھەتچىلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىنىپتۇ» دېدى نىڭبودىن كەلگەن ساياھەتچى لى شىڭسېن.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرگەندە، شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا يېڭى يارقىن نۇقتا قوشۇلغانىدى: شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىدىن باشقا، ئەنئەنىۋى شىر ئۇسسۇلى، يۇڭچۇنچۈەن گۇمپىسى، يىڭگې ئۇسسۇلى قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، ھەم قەدىمىي شەھەرنىڭ سىرلىق جەلپكارلىقى ساقلاپ قېلىندى، ھەم يېقىملىقلىقى ھەسسىلەپ نامايان قىلىندى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كوزىچى ياربېشى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئارزۇگۈل تۇرسۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن 13 ئويۇن نومۇرىنى كۆپەيتتۇق. ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئويۇنى بىلەن ئۇچرىشالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ تىپتىكى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن <قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان قەشقەر> <قەشقەردە ئۇچرىشىش>نى كىرگۈزۈپ، تارىخ بىلەن زامانىۋىلىق، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن ئىجادىيلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، <نۇقتىلار بويىچە ئويۇن قويۇش + چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھەمتۈرتكە بولۇش> ئەندىزىسى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق».
شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدىكى مەدەنىيلىك پارچىلىرىدىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دەۋر شىفىر ئاچقۇچىنى تاۋلاپ چىقتى. 2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە ئىجادىي تەرەققىي قىلىش مىسالىدىن بىرنى، تىپىك مىسالدىن ئوننى، ئۈلگە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونىدىن 15نى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت- ساياھەت ئالدىن تاللاش نۇقتىسى تىزىملىكىدىن 20نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بۇ جايدا «بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» ناملىق ھەقىقىي مەنزىرە تىياتىرىدا ھولوگرافىيەلىك پىرويېكسىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يىپەك يولى سودا كارۋانلىرى ئارىسىدىكى بېرىش- كېلىش كاتتا مەنزىرىسى قايتا نامايان قىلىندى. مەنزىرە رايونى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پۈتۈن رايون سەپىرى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى تۇيغۇ ئويۇنىنى بەرپا قىلىپ، جاڭ چيەن، بەن چاۋ، شۈەن زاڭ، فا شيەن قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، چىراغ نۇرلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، مىڭ يىللىق قەدىمكى يۈتيەننىڭ ئېسىل ھېكايىلىرىنى جانلىق بايان قىلدى. يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ فەن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، سەرخىل تەتقىقات- ئۆگىنىش دەرسىنى ۋە چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇنلارنى ئېچىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى خوتەنگە كېلىشكە، خوتەننىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىنى چۈشىنىشكە جەلپ قىلدۇق».
شەنشىلىك ساياھەتچى جاڭ روشى خۇلارنىڭ قۇيۇن ئۇسسۇلىغا تەڭكەش قىلىنغان دۇمباق ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندا، يىپەك يولىدىكى ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان سودا كارۋانلىرىنى كۆرگەندەك بولدى. خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى نامايەندىسى خۇددى چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتلارنى نۇرلۇق مارجان قىلىپ ئۆتكۈزگەنگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش جەريانىدا شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ رىشتىنى باغلايدۇ.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قوش يۆنىلىشلىك مەدەنىيەت دولقۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى: ئون ئىككى مۇقام مېلودىيەسى گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ مۇزىكا زالىدا ياڭرىدى؛ قەشقەر مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە، شاڭخەي يېنىك مۇزىكا ئۆمىكى «جىنسو ۋە يىنسو» بىلەن شىنجاڭ خەلق ناخشىسى «ياشلىق كۈيى» يۇغۇرۇلغان «جىنسو، يىنسونىڭ ياشلىق بېغىشلىمىسى»نى ئورۇنلىدى؛ ئالتاي قار- مۇز كاتتا مەرىكىسىدە، فىنلاندىيەنىڭ قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى تۇۋالار بىلەن قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ماھارىتى بويىچە سىناشتى... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى «كىچىكلىتىلگەن تىياتىرخانا»غا ئايلاندى.
ئالتاي تېغى ئالتۇن كۈزدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تەكلىماكاندىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان لاگېرىغىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۈستىقۇددۇس ئېتىزلىرىدىن پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاش شەھەر خارابىسىگىچە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش ۋاسىتىسى جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى زىچ ئۇيۇشتۇردى. بۇ، كۇچا تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى كۆرگەزمە مەركىزى كۆرگەزمە زالىدىكى پىرويېكتورىيە ئۆزگىرىشچان نۇرى خۇددى يىپەك يولىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلىۋاتقانغا ئوخشاش ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقانلىقىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)