«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 4- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تۇڭجى داشۆ بىناكارلىق ۋە شەھەر پىلانلاش شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي مۇدىرى ۋۇ جىچياڭ «شىنجاڭنىڭ شەھەرلەرنى ئىخچام پىلانلىشى، ئاقىلانە كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش» باش تېمىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى.
ۋۇ جىچياڭ قوشۇمچە گېرمانىيە دۆلەت قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئامېرىكا بىناكارلىق ئۇستىلىرى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى. ئۇ ئۇزاق مەزگىل شەھەر پىلانلاش ئەمەلىيىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى باغچە رايونىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ ئومۇمىي شەھەر لايىھەلەش ئۇنىۋېرسال لايىھەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەم غۇلجا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، تيېمېنگۇەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك پىلانلاش تۈرلىرىنى تاماملىغان. لېكسىيەدە ئاكادېمىك ۋۇ جىچياڭ شەھەر مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تونۇشتۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى شەھەر ئالاھىدىلىكى، زامانىۋى شەھەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى، شەھەرنىڭ ھاياتلىق گەۋدىسى بولۇشتىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بايان قىلدى ھەم شىنجاڭدا شەھەر پىلانلاش بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى بۆسۈش ھاسىل قىلىش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭنىڭ ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىنى پايدىلىق يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىق ھالدا شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتى ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا قويۇپ ئويلىنىپ ۋە تونۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاقىلانە كۆپەيتىش» «ئىخچام شەھەر» قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تۇرغۇزۇپ، شەھەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.
بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا لېكسىيەگە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەن ئورگانلىرى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)