− ئۈرۈمچى سايباغ رايونى چىڭخې يولى مەھەللىسى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى
ئۈرۈمچى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى چىڭخې يولى مەھەللىسىدە «ئاھالىلەرنىڭ ياخشى باشقۇرغۇچىسى» ناملىق ۋەقەلىك تىياتىر قىزغىن قويۇلدى. كوچا باشقارمىسى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاھالە ئورتاق ئىجاد قىلغان بۇ تىياتىردا ئۆي- جاي دىرېكتورى بىلەن ئاھالىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش جەريانى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى. بۇ تىياتىر سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2024- يىللىق «پارتىيە دەرسى سۆزلەش باشلاندى»، «ئەتراپتىكى نەمۇنىچىلەردىن ئۆگىنىش» پائالىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر تىياتىر بولۇپ باھالاندى.
چىڭخې يولى مەھەللىسى جۇڭياڭ جۈنشاڭجۇ ئولتۇراق رايونىدىكى 25 بىنا ۋە كوچا ياقىسىدىكى دۇكانلارنى باشقۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «1335 ئاھالىلەر باشقۇرغۇچىسى خىزمەت ئۇسۇلى»نى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويدى. «بىر بىناغا بىر باشقۇرغۇچى بولۇش» ئەندىزىسى بويىچە، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئاھالىلەرنىڭ باشقۇرغۇچىسى» بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت «يالغۇز كىشىلىك ئويۇن» ئويناشنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشتىكى «ئومۇمىي خور» ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاھالىلەر باشقۇرغۇچىسى خىزمەت ئۇسۇلى: ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنى بىر- بىرىگە مەھكەم باغلىدى
4- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈرۈمچى چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، ئاھالە تيەن خې قوشنىلىرىنى يېتەكلەپ «چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى» ناملىق خورنى ئېيتىۋاتاتتى، بۇ ناخشىنى تيەن خې بىلەن مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ لىلى مەھەللە يولغا قويغان «1335 ئاھالىلەر باشقۇرغۇچىسى خىزمەت ئۇسۇلى»غا ئاساسەن ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قوشنىلار مۇناسىۋىتى، قانۇننى بىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى، مەدەنىيلىك ئۆلچىمى قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى.
«1335 ئاھالىلەر باشقۇرغۇچىسى خىزمەت ئۇسۇلى» چىڭخې يولى مەھەللىسى شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا ئىزدىنىپ ئاچقان يېڭى يول، «1» پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى، ئىككى «3» ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈچ تۈرلۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈچ سۇپا قۇرۇشنى، «5» بولسا «بەشنى ئەلالاشتۇرۇش» مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىزمەت ئۇسۇلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر شەھەر، يېزا مەھەللە خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپ باھالاندى.
بۇ مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئارخىپ ئىشكاپىدا 37 پارچە «خەلق ئەھۋالى كۈندىلىك خاتىرىسى» رەتلىك تىزىلغان. خاتىرىنىڭ سارغايغان بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا ئاھالىلەرنىڭ «ھالقىلىق كىچىك ئىشلىرى» خاتىرىلەنگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ دەل مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پارتىيەلىك پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن «ئاھالىلەر باشقۇرغۇچىسى» قوشۇنىنىڭ «ئاممىنىڭ كېلىشىنى ساقلاش»تىن «مۇلازىمەتنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش»نىڭ جانلىق دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.
يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى: «مۇلازىمەت ئوبيېكتى»دىن «ئىدارە قىلىش كۈچى»گە ئايلاندى
چىڭخې يولى مەھەللىسىگە مېيتۇەن مۇلازىمەت نۇقتىسى، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى توپلاشقان بولۇپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. مەھەللە «چاقىرغان ھامان تېز سۈرئەتتە يېتىپ بېرىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ماھارەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بۇ توپنىڭ «مۇلازىمەت ئوبيېكتى»دىن «ئىدارە قىلىش كۈچى»گە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى خې جياڭجى ئىشقا پىيادە بېرىپ- كېلىشكە ئادەتلەنگەن، ئۇ پىيادە مېڭىش جەريانىدا پاكىز تازىلانمىغان كوچىلارنى، بۇزۇلغان رېشاتكىلارنى كۆرسە، دەرھال سۈرەتكە تارتىپ كوچا باشقارمىسىدىكى مەسئۇل يولداش ۋە قاراشلىق مەھەللىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ، مۇشۇنداق بولغاچقا، مەھەللە دائىم بىرىنچى بولۇپ مەسىلىنى بايقاپ، ھەل قىلالايدۇ.
خې جياڭجىنىڭ بۇ ئادىتى چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى مۇ شىنمېيغا ئىلھام بولدى، ئۇ يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ دەل ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى «كۆچمە سېنزور» ئىكەنلىكىنى بايقاپ، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ توكسىكىلىتىنى «خەلق ئەھۋالىنى توپلاش پونكىتى»غا ئايلاندۇردى، ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنىڭ ئىسسىق ساقلاش ساندۇقىغا سىياسەت تەشۋىق قەغىزى چاپلىدى، ساتىراشخانىنىڭ ئەينىكىنى «كىچىككىنە ئارزۇ» ئېلان تاختىسىغا ئايلاندۇردى... بۇ يېڭىلىق يارىتىشلار مەھەللىگە زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى «چاقىرغان ھامان تېز سۈرئەتتە يېتىپ بېرىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ بەلگە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ۋەيمەي، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى زاكاز چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئۆيىنى تېپىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.
مۇ شىنمېي بىلەن جاڭ لىلى ئالدى بىلەن ئۆي- جاي شىركىتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭياڭ جۈنشاڭجۇ ئولتۇراق رايونىدىكى 25 بىنا، 49 دەنيۈەننى رەتكە تۇرغۇزۇپ، بۇزۇلغان، چۈشۈپ كەتكەن بىنا ۋە دەنيۈەن نومۇر تاختىسىدىن ئالتىنى رېمونت قىلدى، ئارقىدىن ھەربىر بىنا، دەنيۈەن، پونكىت، توكسىكىلىت ۋاقىتلىق توختىتىش رايونى ۋە توك قاچىلاش پونكىتىنىڭ كونكرېت ئورنى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئولتۇراق رايوننىڭ بىنالار كۆرسەتمە خەرىتىسىنى تۈزۈپ، بۇ خەرىتىنى تۆت كىرىش- چىقىش ئېغىزىغا چاپلىدى ھەمدە يېنىغا «ساۋما قىلىپ تېز يېتىپ بېرىش» ئىككىلىك كودىنى چاپلىدى، ۋەيمەي توشۇغۇچىلار ۋە تېز يەتكۈزگۈچىلەر نەق مەيداندا ساۋما قىلىپ تەكشۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىككىلىك كودنى يان تېلېفونىدا ساقلىۋالسا، دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلىشى تېخىمۇ قولايلىق، يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغان بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھەللە كادىرلىرى يەنە ۋەيمەي توشۇغۇچىلار ئارام ئېلىۋاتقاندا ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن قىيىنچىلىقى بار- يوقلۇقىنى سورىدى.
بۇ كىچىككىنە ئىشلار يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. يېقىندا ۋەيمەي توشۇغۇچىلار مۇ شىنمېينىمۇ ۋېيشىن توپىغا قوشۇۋالدى، بۇ توپتا ئەتراپتىكى تېز يەتكۈزۈش نۇقتىلىرىدىكى 68 ۋەيمەي توشۇغۇچى بار بولۇپ، كۆپچىلىك توپتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز قىلىپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئويىنى بىلدۈردى.
ۋەيمەي توشۇغۇچى چېڭ پېڭفېي تاماق توشۇش يولىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 88- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە بۇزۇلغان يولنى يان تېلېفوندا سۈرەتكە تارتىۋالدى. چىڭخې يولى مەھەللىسى بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال مىڭجې گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، چىڭخې يولىدىكى بۇزۇلغان 33 يول بۆلىكىنىڭ ھەممىسىنى رېمونت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، چېڭ پېڭفېيغا ئون نومۇر مۇكاپات بېرىلدى، ئۇ بۇ نومۇر بىلەن تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەر تەمىنلىگەن ھەقسىز چاچ ياساش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ياكى يېمەك- ئىچمەك سېتىۋالغاندا باھادا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
جۇغلانما نومۇر ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى: ۋەيمەي توشۇغۇچى «بىخەتەرلىك چارلىغۇچىسى»غا ئايلىنىپ، كوچا- كويلارنى ئارىلاپ يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەر ساقلانغان جايلارنى سۈرەتكە تارتتى؛ مېۋە- چېۋە دۇكىنىنىڭ ئىگىسى «قوشنىلار ئارىسىدا مۇرەسسەچى» بولۇپ، دۇكاندارلار ئارىسىدا كۆرۈلگەن ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلدى. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، جىڭدۇڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمىدىن ئۈچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. «بۇ دەل ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ ئەڭ جانلىق ئىزاھاتى»، دېدى مۇ شىنمېي.
«1+4» ئورتاق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى: مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتىكى «بىر تاختا شاھمات»نى جانلاندۇردى
«خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كۈچ- قۇۋۋەت مەنبەسى. <ھەر مىللەت ئاھالىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش>نى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پىدائىيلار قاتارلىق تۈرلۈك جەمئىيەت كۈچلىرىنى مەھەللىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى قوللاش كېرەك». پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خەييەننىڭ بۇ سۆزى چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ پىكىر يولىنى ئاچتى.
«بىز <4+1> ئورتاق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ بەرپا قىلىپ، مەھەللە پارتىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كارخانىلار، تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەر، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ھەم 3- تەرەپ مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، <خېخې كۇڭجيەن> كېڭىشىش- مەسلىھەتلىشىش سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندۇق»، دېدى جاڭ لىلى.
بۇنىڭدىن باشقا، تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەرمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنىغا قاتناشتى. كۈل قىز ساتىراشخانىسى ھەر دۈشەنبە كۈنى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ چېچىنى ھەقسىز ياساپ قويدى، ۋەيمەي توشۇغۇچى، تېز يەتكۈزگۈچى قاتارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى دۇكانغا كىرىپ چاچ ياساتسا، باھادا %40 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى؛ جىڭلياڭ كۆزئەينەك دۇكىنىدىكىلەر يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى قىلدى؛ تام مەش رېمونت قىلىش دۇكىنى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈردى؛ فىزىكىلىق داۋالاش ئورنى ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئاياللارغا ھەقسىز فىزىكىلىق داۋالاش مۇلازىمىتى قىلدى...
مەھەللە ھازىرغىچە پارتىيە قۇرۇلۇشى بىرلەشمە يىغىنىدىن ئۈچ مەيدان، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىدىن ئۈچ مەيدان ئاچتى، ئۈچ پارچە «تۆت تەرەپ ۋەدىنامىسى» ۋە 104 پارچە «ئورتاق بەرپا قىلىش كېلىشىمى» ئىمزالىدى، «جۈيفېڭ سودىگەرلەر ئىتتىپاقى» ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمەت سۇپىسىنى كېڭەيتتى ھەمدە «تور ۋە تور سىرتى»دا قوش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، توردا «بىرلىكتە كارخانىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ئىلتىماس- تەلەپ قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئاچتى. تور سىرتىدا «پونكىت يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى»، «مىكرو سۆھبەت» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەسىلىلەرنى يۈزتۇرا ھەل قىلدى. نۆۋەتتە بۇ مەھەللە يېقىندىن بۇيان توپلىغان ئاھالىلەرنىڭ 102 ئىلتىماس- تەلىپىنى ھەل قىلدى.
«ھۆكۈمەت قورۇما تەييارلاش»تىن «ئامما بۇيرۇتۇش»قىچە، «يەككە ھەرىكەت قىلىش»تىن «ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش»كىچە... چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قىزىل يىپى مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتىكى «قەلبداشلىق تۈگۈنى»گە ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەرقايسى تەرەپلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىدۇ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشمۇ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىناقلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىدۇ. (مۇخبىر گەي يۈ)