ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا سەمىمىيەت دەرسى ئۆتۈلدى
12:12:54 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

4- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا خىزمەتچى خادىم ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىگە تور سۇپىسىدا «12345» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرمەكتە. (مۇخبىر جاڭ مېڭتىڭ خەۋىرى، فوتوسى)

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك «12345» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە مەركىزى ئۈرۈمچى سايباغ رايونىنىڭ شىنخۇا مەھەللىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا «سەمىمىي مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىشتا قىزىق لىنىيە بىلەن سەپەرداش بولۇش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەمىمىيەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سەمىمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي بولغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى ياراتتى.

 خەلق باغچىسىدىكى چېنىقىش سارىيى ئالدىدا، لايىھە تۇيغۇسىغا باي تەشۋىقات تاختىلىرى باغچىدىكى پىيادىلەر يولىنى بويلاپ رەت بويىچە تىزىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «12345» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ كەسىپ قوبۇل قىلىش دائىرىسى، يوللىرى سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق نامايان قىلىنغانىدى.

 خىزمەتچىلەر پىدائىيلار كىيىمىنى كىيىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىگە قىزغىنلىق بىلەن «سەمىمىيەت بىلىملىرى قوللانمىسى»، «ئىناۋەت ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداش قوللانمىسى» قاتارلىق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ، «بىر قېتىم لەۋزىدە تۇرمىسا، ھەممىلا جايدا چەكلىمىگە ئۇچراش»تىن ئىبارەت لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، سەمىمىي بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن جانلىق بايان قىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك «12345» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فېييەن مۇنداق دېدى: بىز تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ سەمىمىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، سەمىمىيەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ھەقىقىي ئاڭلاپ، «12345» قىزىق لىنىيەسىنىڭ سەمىمىيەت نازارەتچىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125