«1- ئاۋغۇست» كوچا باشقارمىسى شىنبېي مەھەللىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ شياڭ (ئوڭدا) ئاھالىنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى ئاڭلىماقتا.(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)
ئۈرۈمچى سايباغ رايونى «1- ئاۋغۇست» كوچا باشقارمىسىنىڭ تېلېگراف مەھەللىسى بىلەن شىنبېي مەھەللىسىدە ۋاڭ شياڭنىڭ تېلېفون نومۇرى ئاساسەن ھەربىر ئاھالىنىڭ يان تېلېفونىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئولتۇراق رايوننىڭ سۇ تۇرۇبىسى توسۇلۇپ قالسىمۇ، ئاھالىلەر ئۇنى ئىزدەيدۇ؛ ئۆيىدە تۇيۇقسىز ۋەقە يۈزبەرسىمۇ، دەرھال ئۇنى ئېسىگە ئالىدۇ؛ ھەتتا تىجارەتچىلەرنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشى قولايسىز بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. ئۇ مەھەللىدىكى چوڭ- كىچىك ھەممە ئىشنىڭ «باشقۇرغۇچى»سى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى.
ۋاڭ شياڭ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغان 17 يىلدا ئالدى بىلەن تېلېگراف مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى، كېيىن يەنە شىنبېي مەھەللىسىگە يۆتكىلىپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ئۇ باشتىن- ئاخىر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەر مىللەت ئاھالىنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.
ئىلگىرى تېلېگراف ئولتۇراق رايونىدىكى 1- بىنانىڭ يۇندى قۇدۇقى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، 1- قەۋەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىن سۇ چىقىپ كېتىپ، يۇندى يەر ئاستى ئۆيدىكى يۇندى چىقىرىش تۇرۇبىسىنى بويلاپ تېشىپ چىقىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى. ۋاڭ شياڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كېچىلەپ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئەتىسىلا سايباغ رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قۇدۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك راۋانلاشتۇردى.
ۋاڭ شياڭ دائىم «مەھەللە بىر چوڭ ئائىلە، كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا شۇنىڭغا ياردەم بېرىش كېرەك» دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
84 ياشلىق يالغۇز قالغان ۋۇ خۇيچېڭ پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ۋاڭ شياڭ پىدائىي گو شېنى يېرىم يىلغىچە ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تاماق ئاپىرىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. تازىلىق ئىشچىسى تاھىرنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىسىنى ھەر ھەپتىدە يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دىيالىز قىلدۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ۋاڭ شياڭ قوشنىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «قوغداش كىچىك ئەترىتى» تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن؛ تازىلىق ئىشچىسى ئادالەت نىيازنىڭ ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنى بېقىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش يۈكىنى يېنىكلەتكەن.
ۋاڭ شياڭنىڭ قەلبىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇق شوئار بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتۇر.
كارخانىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52- باشلانغۇچ مەكتەپكە 200 يۈرۈش يېڭى پارتا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ماسلاشتۇرۇشتىن ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، يەنە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشقا داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئېلىپ بېرىشكىچە، سەرگەردان ياشنى ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويۇشقىچە... ۋاڭ شياڭنىڭ خاتىرىسىگە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىزنالىرى زىچ خاتىرىلەنگەن.
17 يىلدىن بۇيان، ۋاڭ شياڭنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىلگىرىكى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق قورۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى چوڭ قورۇغا ئايلاندى. باھار شامىلى يېڭى تىكىلگەن ئالما دەرىخىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، ھەر مىللەت ئاھالە ۋاڭ شياڭ قۇرغان «قەلبداشلار شىپاڭى»دا كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى، راۋابنىڭ يېقىملىق ساداسى بىلەن چىنچياڭ ئەلنەغمىسى گىرەلىشىپ ئىناقلىق مېلودىيەسى ياڭرىدى. 2020- يىلى ۋاڭ شياڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس بولۇپ باھالاندى. (مۇخبىر گەي يۈ)