ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ
15:40:31 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن.

 بۇنىڭ ئىچىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرى ھەپتە ئاخىرىدا، قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ھەر كۈنى ئېچىۋېتىلىدىكەن؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرى ھەپتە ئاخىرىدا ئاز دېگەندە بىر كۈن، قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ھەر كۈنى ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى قىش پەسلىدە سائەت 10:00دىن 20:00گىچە، ياز پەسلىدە 8:00دىن 22:00گىچە بولىدىكەن.

 ھەپتە ئاخىرىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بار مەكتەپلەردە تەنتەربىيە مەيدانلىرى قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ھەر كۈنى ئېچىۋېتىلىدىكەن، مەكتەپتە ئىمتىھان ئېلىش، مەيداننى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار بولسا، تەنتەربىيە مەيدانى ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىلمەيدىكەن ھەمدە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېلان چاپلىنىدىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025- يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشىدا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئاز دېگەندە 200ىنىڭ زال سىرتىدىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت- تەنتەربىيە تۇرمۇش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى بېيىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (مۇخبىر جاڭ مېڭتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125