4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا سانائەت باغچىسىدىكى شىنجاڭ مېيرى گۇرۇھى يېمەكلىك كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى، بۇنى شىنجاڭ مېيرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ «مېيرى گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) مەبلەغ سېلىپ قۇرغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 255 مو، جەمئىي 720 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولغان كەسىپلەر باغچىسى مەركىزىي ئاشخانا، يېمەكلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قاتارلىق يادرولۇق بۆلەكلەرنى قۇرۇشنى پىلانلاپ، «پارچە سېتىش + ئامباردا ساقلاش + ئەشيا ئوبوروتى + ياسىمىچىلىق» بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى يىللىق ئوبوروت مىقدارىنىڭ 100 مىڭ توننىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش نەق مەيدانىدا يۈك قاچىلاش- چۈشۈرۈش ئاپتوموبىللىرى كۈرەكلىك ئېلېۋاتورغا ئەگىشىپ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ، يەر تۈزلەش مەشغۇلاتىنى باشلىدى.
شىنجاڭ مېيرى گۇرۇھى يېمەكلىك كەسىپلەر باغچىسى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان مەركىزىي ئاشخانا پىششىقلاش مەركىزى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەر، سۈپەتلىك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدۇ؛ رەقەملەشتۈرۈلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان سوغۇق ساقلاش زەنجىرى بىلەن ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئايرىش، ساقلاش- توشۇشنىڭ بىر شەھەردىكى غول لىنىيە تۈگۈنىنى بەرپا قىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ پۈتۈن تېمپېراتۇرا قاتلىمىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ يەنە تۇرمۇش يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت فۇنكسىيەلىك رايونى قۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى ۋە باغچە رايونىغا ماكانلاشقان ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى كۈچلۈك ئارقا سەپ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مېيرى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ۋېنكەي مۇنداق دېدى: «يېمەكلىك كەسىپلەر باغچە رايونى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى بازىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدىن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاخىرقى ئۈچ دۇكانلارغىچە بولغان كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان يادرولۇق موتور».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتىلىرى كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى.
2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتى 818 مىليارد 955 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39.9ىنى ئىگىلىدى؛ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان پۇقراۋى ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 525 مىڭ 100گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.96 ئېشىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى ئومۇمىي سانىنىڭ %97.32ىنى ئىگىلىدى؛ پۈتۈن شىنجاڭدا خەلق ئىچى سېلىنمىسى 400 مىليارد 365 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ بىن مۇنداق دېدى: مېيرى گۇرۇھى يەرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلگەن ساھە باشلامچى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېمەكلىك كەسىپلەر باغچىسىنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرىدۇ، بۇ، يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، كارخانىلار خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ. (مۇخبىر گو لىڭ)