ھۈنەرۋەن روھى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان ئايروپورت ئارزۇسى
17:52:59 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 «تېز قاراڭلار! چىراغلارنىڭ ھەممىسى ياندى!» 4- ئاينىڭ 16- كۈنى كېچىدە، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىدا چىراغلار بىر- بىرلەپ يانغاندا، جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق- قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت باش نازارەتچىسى لى مىڭ يان تېلېفونىنىڭ سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسىنى توختىماي بېسىۋاتاتتى. بۇ چاغدا چىراغ نۇرى ئايروپورتنىڭ كۈمۈش رەڭلىك قاناتسىمان كۆرۈنۈشىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

 «نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك، بەش يىلدىن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇشۇ پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتكەنىدۇق»، دېدى لى مىڭ.

 ئۇل سېلىشتا خاتالىق پەرقى قاتتىق كونترول قىلىندى

 2019- يىلى 10- ئايدا ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى تۈرىدە رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى بۇ يەرگە جەم بولدى. ئۇلار ئاتا- ئانىسىنىڭ تاپشۇرۇقى، ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئۈمىدىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن بۇ يەردە تەر تۆكۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بۇ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىشقا ئاتلاندى. شۇ چاغدىن باشلاپ لى مىڭ ھەر كۈنى چېرتيوژ ۋە تەكشۈرۈش- ئۆلچەش قوراللىرىنى ئېلىپ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ئارىسىدا قاتراپ يۈردى. ئۇ دائىم پولات چىۋىق باغلاش نەق مەيدانىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، پەركا بىلەن ھەربىر تال پولات چىۋىقنىڭ ئارىلىقىنى تەپسىلىي ئۆلچەيتتى؛ بېتون قۇيغاندا تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن ھەر ۋاقىت تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ، بېتون قۇيۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلاتتى.

 «بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە ئەتراپ چۆللۈك ئىدى، ھازىر قارىسىڭىز ھەيۋەتلىك زامانىۋى ئايروپورتنى كۆرىسىز». لى مىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ قۇرۇلۇشقا قاراپ ئىپتىخارلاندى.

 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە لى مىڭ ئىزچىل ياخشى ئۇخلىيالمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «نەتىجىمىزنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت ئاخىرى يېتىپ كەلدى، ھەم ھاياجانلاندىم، ھەم جىددىيلەشتىم. كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى، تۆلىگەن بەدىلىمىز بىكارغا كەتمىدى».

 لى مىڭ يولۇچى جاڭ لۇنىڭ ئايروپىلان ئالمىشىش، ئاپتوموبىل توختىتىش قولايلىقكەن دەپ ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: قاتناش مەركىزىدە سەپەرگە چىققان يولۇچىلار ئۈچۈن كۆپ خىل تاللاش ھازىرلانغان. ھەم شەخسىي ئاپتوموبىل، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تاللىغىلى، ھەم ئايروپورتنىڭ «قولايلىق توشۇش سىستېمىسى»، ئايروپورت ئاپتوبۇسى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتارلىق كۆپ خىل ئاممىۋى قاتناش ئۇسۇلىنى تاللىغىلى بولىدۇ.

 لى مىڭ مۇنداق دېدى: «بەزى جايلاردا بىز نۇرغۇن ئىلغار يېڭى تېخنىكىنى قوللاندۇق. مەسىلەن، 17.2 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدا بەرپا قىلىنغان تەۋرىنىشنى ئايرىۋېتىش قەۋىتىدە كاۋچۇكتىن ياسالغان 365 تەۋرىنىشنى ئايرىۋېتىش تەگلىكىدىن <بىخەتەرلىك سېپى> تەشكىل قىلىندى. ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى چوڭ، قۇرۇلما سىستېمىسى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەككىز بال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولغاچقا، تەۋرىنىشنى ئايرىۋېتىش ئىقتىدارى ۋە بىر پۈتۈن قۇرۇلمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، كاۋچۇكتىن ياسالغان بۇ تەۋرىنىشنى ئايرىۋېتىش تەگلىكى خۇددى تەۋرىنىشنى پەسەيتىدىغان «خىسلەتلىك قورال»غا ئوخشايدۇ.

 ئەپچىل چارىلەر ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى

 ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كىرسىڭىز، كەڭلىكى 684 مېتىر، بوي يۆنىلىشتە چوڭقۇرلۇقى 215 مېتىر كېلىدىغان ئاساسىي بىنانىڭ ئۆگزىسى خۇددى پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشاش ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

 30 مىڭ توننا پولات ماتېرىيالدىن قۇراشتۇرۇلغان 150 مىڭ بالداقلىق ئەگرى يۈزلۈك تور توقۇلۇپ، 55 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇپۇق سىزىقى قۇرۇپ چىقىلدى. «پولات قۇرۇلما قامۇسى» دەرىجىلىك دەپ ئاتالغان بۇ قىيىن مەسىلىگە قارىتا، جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى 8- قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىنىڭ باش ئىنژېنېرى مەمتىمىن تۇردىمەمەت كوللېكتىپنى باشلاپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «يۇقىرى بوشلۇق سېھىرگەرلىكى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

 مەمتىمىن تۇردىمەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۆز ئورنىدا قۇراشتۇرۇش+ يۇقىرى بوشلۇقتا سۇيۇقلۇق بېسىمى ئارقىلىق يۇقىرىغا كۆتۈرۈش» قۇرۇلۇشى پىكىر يولى بويىچە، ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىر كۆچۈرۈپ تەتۈر يۆنىلىشلىك ياساش تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، مودېل ياساش ۋە 1:1تە قۇرۇلۇش مەيدانىدا دەل جايىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ئېنىقلىق پەرقى ئۈچ مىللىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلىندى.

 قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، تۈر كوللېكتىپى 508 كەسپىي تېخنىك ئىشچى ۋە 148 چوڭ تىپتىكى ماشىنا- ئۈسكۈنىنى سەپلەپ، دەل جايىدا، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن 12 قېتىملىق يۇقىرى بوشلۇق مەشغۇلاتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

 قۇرۇلۇش جەريانىدا جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى 8- قۇرۇلۇش ئىدارىسى قايتا ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، چۆللۈك ماتېرىيالىدىن تەننەرخى تۆۋەن بېتون قۇيۇش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، 63 تۈردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %20 تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە يېپىشىشنى ئاستىلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈر بويىچە 43 تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىسراپچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.

 مەمتىمىن تۇردىمەمەت شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىنىڭ تۇرۇبا كارىدورى تۈرىدە ئۆلچەش- سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ئۇ جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى 8- قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى تۈرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن شىنجاڭغا قايتىپ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان.

 «12 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭدىكى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇشقا قاتنىشىپ بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن»، دېدى مەمتىمىن تۇردىمەمەت.

 قار لەيلىسىدە ھۈنەرۋەن روھى ئەكس ئەتتى

 ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى مۇنارنىڭ شەكلى خۇددى «ئىنچىكە بەل»گە ئوخشايدۇ، ئۈستى قىسمى 12 تال گۈل بەرگى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان قار لەيلىسىگە ئوخشايدۇ. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا 99.9 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنار ئاسمان بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، تولىمۇ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان.

 ئەلۋەتتە، «قار لەيلىسى» شەكلىنى لايىھەلەشتە گۈزەللىك كۆزدە تۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە ئۇ شىنجاڭنىڭ كىلىماتى، مۇھىتى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىر پۈتۈن لايىھەلەش جەھەتتە، تېخنىكلار «مېتال پەردە تام سىستېمىسى+ تىك يۆنىلىشلىك دېرىزە» لايىھەلەش شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، 12 كىل ۋە 12 ئەينەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە 200 مىللىمېتىرلىق ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىيالى، سىرتىغا ئۈچ مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى ئاليۇمىن تاختا سەپلەنگەن.

 ئەينەك پەردە تامنىڭ ھەممىسى ئالتە مىللىمېتىردىن 12 مىللىمېتىرغىچە بولغان تۆت قەۋەتلىك ئىچى كاۋاك يېرىم قاتتىقلاشتۇرۇلغان ئەينەك بولۇپ، بۇ لايىھەلەر ئىسسىقلىق ساقلاش، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىك ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

 جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى 3- قۇرۇلۇش ئىدارىسى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى مۇنار سۇپىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مەسئۇلى سۈن جىۋېي مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇلغان مۇنار ئەسلىدىكى مۇناردىن 53.9 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئۇنىڭغا 1752 پارچە ئەينەك ئىشلىتىلگەن، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 100 توننىدىن ئاشىدۇ. تۈر كوللېكتىپى BIM تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۈچ ئۆلچەملىك رەقەملىك مودېل ياساپ، كىران ئورنى، ئاسما يەلكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كۆتۈرۈش بۇلۇڭىنى توغرا ھېسابلاپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا قوش ئارغامچا ئىشلىتىپ، ئۇنىڭغا لازېر نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچەش ئەسۋابىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەينەكنىڭ ھالىتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، يۇقىرى بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىشنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېگىز بوشلۇقتا ئېسىپ قۇراشتۇرۇش خاتالىق پەرقىنى بەش مىللىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلدى.

 ھەربىر قېتىملىق ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشتا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى، تىجارەت ئۈنۈمى، تەسىر دائىرىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى كۆرسەتكۈچتە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭغا سانسىزلىغان قۇرغۇچىلارنىڭ تەرى سىڭگەن.

 بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، تىيانشاندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يىراققا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلانغا يولۇچىلارنىڭ ئارزۇسى يۈكلىنىپلا قالماي، يەنە سانسىزلىغان كىشىنىڭ ئىككى قولى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغان «ئايروپورت ئارزۇسى»مۇ يۈكلەنگەن. بۇ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى دەل قۇرغۇچىلار ھۈنەرۋەن روھى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن «سۈپەت»نىڭ جانلىق كارتىنىسى ۋە ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولماقتا، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولىدا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125