ئىگىلىك تىكلەش بازىرىدا ئاۋات بازارنىڭ «تەڭكەش مېلودىيەسى» ياڭرىدى
12:34:11 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، يامغۇردىن كېيىنكى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بۆلەكچە ساپ ئىدى.

 سائەت 6:00دە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) غەربىي ۋوگزال كوچا باشقارمىسى پويىز ئۇچاستىكىسى يولى شەرقىي مەھەللىسىگە جايلاشقان «لەززەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەرگە ئېغىز تېگىش» ئىگىلىك تىكلەش بازىرىنىڭ دەرۋازىسى دەل ۋاقتىدا ئېچىلدى.

 ھەر پەيشەنبە كۈنى «لەززەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەرگە ئېغىز تېگىش» ئىگىلىك تىكلەش بازىرىنىڭ بازار كۈنى بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لىرىدىن كەلگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۇ يەردە يايما ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ.

 كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق بازار ئازادە ھەم يورۇق بولۇپ، سېمونت يەر يۈزى ھەمىشە پاكىز تۇراتتى. بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى ياۋا ئوت- چۆپلەر بىلەن قاپلانغان تاشلاندۇق يەر ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مەھەللە، كوچا باشقارمىسى ۋە بازارنى ھۆددىگە ئالغۇچىلارنىڭ ئورتاق تەرتىپكە سېلىشى بىلەن قاقاسلىق ئاۋات بازارغا ئايلاندى. ھازىر كۆچمە تىجارەتچىلەر بۇ يەرگە كىرىپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، ھەربىر تىجارەتچى ھەر قېتىمدا پەقەت 20 يۈەن بازار باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرسىلا قېلىپلاشقان تىجارەت ئورنىغا ئىگە بولالايدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتىيازلىق مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتىدە ئىگىلىك تىكلەش بازىرىدىكى تىجارەتچىلەر ۋە خىزمەتچى خادىملار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەم قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ھەم پاكىز، تەرتىپلىك بولغان ئىستېمال بوشلۇقىنى بەرپا قىلدى. دائىملاشقان مۇھىت تازىلىقىنى ئاسراش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق بۇ يەر ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىشتىكى ئالدىن تاللايدىغان جايىغا ئايلىنىپلا قالماي، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئۈلگىلىك ئىگىلىك تىكلەش بازىرىغا ئايلاندى.

 شىمالىي ۋوگزال 5- يولى مەھەللىسىدىكى خې پىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا چاقلىق ئورۇندۇققا تايىنىپ مال سېتىۋالغىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مال سېتىۋېلىش سېۋىتىگە كالا گۆشى، ئالما، پىياز قاتارلىقلار سېلىنغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بازارنىڭ يەر يۈزى ئانچە تەكشى ئەمەس ئىدى، يول يۈرۈشۈم ئەپسىز بولاتتى، يەر يۈزى تەكشىلىنىپ ياسالغاندىن كېيىن، يول راۋانلاشتى، ئۆيدىن بازارغا نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ كېلىمەن».

 سائەت 10:00دا، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى ئارزۇگۈل سەمەت بازار ۋە ئەتراپتىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىغاچ مۇنداق دېدى: «مەھەللە ۋە كوچا باشقارمىسى بازارنى مەركەزلىك تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن، ئەخلەتلەر خېلىلا ئازايدى. بازاردىكى تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە خېلى يېنىكلەپ قالدىم».

 بازار مۇھىتى ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى تىجارەتچىلەر كۆپىيىپ، نەچچە ئوندىن 400 نەچچىگە يەتتى.

 تاۋارلارنىڭ تۈرى كۆپەيدى، خېرىدارلارمۇ كۆپەيدى.

 پويىز ئۇچاستىكىسى يولى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ماۋ شياۋتۇڭ يان تېلېفونىدا بازارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، بازاردىكى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە كۆرسەتتى.

 ماۋ شياۋتۇڭ قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تورداشلار، سىلەرنىڭ <لەززەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەرگە ئېغىز تېگىش> ئىگىلىك تىكلەش بازىرىغا كېلىپ ئايلىنىپ كېتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارنى يايما ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارى بىلەن تەمىنلەيمىز».

 بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماۋ شياۋتۇڭ دەرھال بازار مەسئۇلى ياۋ جۈنجيې بىلەن يېڭى تەدبىر ئۈستىدە كېڭەشتى: «بىز مۇھىت قوغداش بويىچە نومۇر جۇغلاش تۈزۈمىنى تەسىس قىلايلى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇھىت قوغدىغان تىجارەتچىلەرگە جۇغلانما نومۇر بېرىپ، جۇغلانما نومۇر ئۆلچەمگە يەتكەندە يايما ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىش ياكى جۇغلانما نومۇرنى سوۋغاتقا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويايلى». بۇ تەكلىپ ياۋ جۈنجيېنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

 ياۋ جۈنجيې مۇنداق دېدى: «بازارنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تىجارەتچىلەرنىڭ قوللىشى، ماسلىشىشىغا موھتاج. 2019- يىلى بۇ قاقاسلىقنى ئىجارىگە ئالغاندا، بۇ يەر ياۋا ئوت- چۆپلەر، ئەخلەتلەر بىلەن قاپلانغان ئىدى. مەھەللە، كوچا باشقارمىسى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، جەمئىي 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھازىرقى پاكىز، تەرتىپلىك بازار قىياپىتى تەدرىجىي شەكىللەندى. بازارنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، بىز قىيىنچىلىقى بار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى داۋاملىق ھەقسىز يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە يېشىل يېمەكلىك مەخسۇس رايونى ئېچىپ، دېھقانلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ يېڭى، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدۇق».

 چۈشتىن كېيىن تىجارەتچىلەر ئارقا- ئارقىدىن يايمىلارنى يىغىشتۇردى. ئۇلار ماللىرىنى رەتلەپلا قالماي يەنە قەغەز يەشىك، كۆكتات يوپۇرمىقى قاتارلىق ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ تاشلىدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر خېرىدارنىڭ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بازار ئاستا- ئاستا جىمجىتلىققا تولدى، لېكىن ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاۋات بازار كەيپىياتى ئۇزاققىچە تارىمىدى. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125