شىنجاڭ پولۇسى قاتارلىق خاس يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆلچىمى يېڭىلاندى
17:59:17 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتى كۆپلىگەن داڭلىق ماركىدىكى ئاشخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، «يىپەك يولىدا تەم ئىزدەش، چىن قەلبتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش» شىنجاڭ پولۇسىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تېتىپ كۆرۈش، باھالاش پائالىيىتىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

 ئالتە ئاشخانىنىڭ باش ئاشپىزى ئالاھىدە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، نەق مەيداندا ئۆزگىچە پولۇ ئەتتى. ھەربىر تەمدىكى پولۇ ھەرقايسى چوڭ ئاشخانىلارنىڭ «ئالاھىدە تامىقى» ئىدى.

 بېيشەن 7- نومۇرلۇق يېمەك- ئىچمەك ئاشخانىسىنىڭ باش ئاشپىزى پاتىگۈل ئىسمائىل تەييارلىغان خوتەن توغرامچە گۆش (سۇيرۇ) پولۇسىنىڭ گۈرۈچى دانە- دانە، گۆشلىرى يۇمشاق ئىدى، ئۈستىگە ئانار دانىسى ۋە قۇرۇق ئۈزۈم چېچىلغان بولۇپ، رەڭگى چىرايلىق، خۇش پۇراقلىق، تەملىك ئىدى.

 پاتىگۈل ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ پولۇسىنىڭ قانچە خىل ئىكەنلىكىنى مەنمۇ ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن. شىنجاڭ پولۇسى چوڭ- كىچىك ھەممىگە باب كېلىدىغان قۇۋۋەتلىك تاماق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان ئېتىش ئۇسۇلى بار».

 شىنجاڭ پولۇسىنىڭ قالتىس يېرى شۇكى، ئۇ يەنە ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق ئىلمىدىكى ئۆلۈك تونۇشنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئالاقىدار تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنئەنىۋى پولۇنىڭ GI قىممىتى (قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى) 58 بولۇپ، GI قىممىتى 83 بولغان ساپ مىفەندىن خېلى تۆۋەن ئىكەن، يىرىك مىفەن بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچىنىڭ يېمەك- ئىچمەك كەسپىدە شىنجاڭ پولۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاس يېمەكلىكلەرنىڭ بىرتۇتاش ئۆلچىمى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، بۇ، خاس يېمەكلىكلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

 ئۈرۈمچى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ما گوچىن مۇنداق دېدى: 2014- يىلى جەمئىيىتىمىز «شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىكلىرى ئۆلچىمى»نى تەھرىرلەپ نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقانىدى، بۇنىڭغا ھازىر 11 يىل بولدى، يېمەك- ئىچمەك كەسپى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلگەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ يېڭىلاندى، شۇڭا، جەمئىيىتىمىز 2024- يىلى تۈر تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ پولۇسى، شىنجاڭ لەڭمىنى، شىنجاڭ داپەنجىسى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ سەككىز خىل خاس يېمەكلىكىگە قارىتا كوللېكتىپ ئۆلچەم تۈزۈپ چىقتى.

 بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ پولۇسى ئۆلچىمىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدا جەمئىي 25 كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 15ى ئاساسلىق پولۇ ساتىدىغان ئاشخانىدىكى پولۇ ئېتىش ئۇستىسى، ئونى جەمئىيەت مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى. ئاساسلىق پولۇ ساتىدىغان كارخانىنىڭ 214 ۋەكىلىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، دەسلەپكى نۇسخا تۈزۈلۈپ بولۇندى، پات ئارىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ.

 ما گوچىن مۇنداق دېدى: «ئۆلچەمنىڭ بېكىتىلىشى يەرلىك خاس يېمەكلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بۇ، مەززىلىك تائاملار سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، يەرلىك خاس يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېمەك- ئىچمەك كەسپىنىڭ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىللاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ». (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125