شىنجاڭدىكى ئىككى چوڭ كارخانا قول تۇتۇشۇپ «تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى»غا كۈچىدى
18:00:38 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

«مېيرى مېييې» بەرپا قىلغان باش تېمىلىق قولايلىق دۇكان. (مۇخبىر گو لىڭ خەۋىرى، فوتوسى)

 ئىشىك ئالدىدا «يېڭى سۈت پونكىتى»، «شۆگاۋ توپ سېتىش دۇكىنى»، «ئىستاكانلىق مۇز زاۋۇتى»، يېڭى ئېقىمدىكى بىرلەشمە ئىمزالىق باش تېما دۇكىنى قۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش راۋانلاشتۇرۇلدى...

 بۇ يىل شىنجاڭغا يىلتىز تارتقان ئىككى باشلامچى كارخانا − شىنجاڭ مېيرى گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ مېڭنيۇ سۈتچىلىكى قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، «ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، «تۇنجى تۈركۈم مالنى يولغا سېلىش»، «تۇنجى قېتىم ئۆزىنى نامايان قىلىش» «تۇنجى دۇكان ئېچىش»قا تۈرتكە بولۇپ، «تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى» ئېكولوگىيە زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، يېڭىچە پارچە سېتىش كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ مېيرى گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ مېڭنيۇ سۈتچىلىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ مۇز مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەمىنلەش زەنجىرى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تۈرلەرنى تىرەك نۇقتىسى قىلىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىدۇ.

 بۇنىڭ ئىچىدە، ئىستاكانلىق مۇز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى تۈرىدە، ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ شىنجاڭدىكى سېتىلىش مىقدارى 1- بولغان يېمەكلىك مۇز ماركىسىنى يارىتىدۇ؛ مۇز مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىشنى كېڭەيتىش تۈرىدە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلاشقان دۇكان بىر يىل ئىچىدە 100دىن ئېشىپ، سېتىش سوممىسى %50 ئاشۇرۇلىدۇ؛ سۈت پونكىتى تۈرىدە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 دۇكان پات ئارىدا ماكانلىشىدۇ؛ يېڭى مەھسۇلات ئېچىش تۈرىدە، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدىكى ھەسەل قېتىلغان چىلان تەملىك سۈتتىن تارتىپ پىشلاق قېتىلغان قەھۋە تەملىك شۆگاۋغىچە، يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ئىستېمال ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ؛ ئىككى تەرەپ يەنە ھەمكارلىشىپ يېڭى ئېقىمدىكى داڭلىق ماركا بىرلەشمە ئىمزالىق باش تېما دۇكىنى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، داڭلىق ماركىلارنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ سۈپىتى ئەلا، باھاسى ئەۋزەل تاۋار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 شىنجاڭ مېيرى گۇرۇھى شۇ جايدىكى پارچە سېتىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ساھەسىدىكى ئۈلگىلىك كارخانا بولۇپ، قولايلىق دۇكان يولى، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە يەرلىكلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشتەك مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ، باشتىن- ئاخىر بازارنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

 شىنجاڭ مېڭنيۇ سۈتچىلىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى باشلامچى ماركا بولۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش كۈچلۈك ئىقتىدارى، بازارنى كېڭەيتىش ئەمەلىي كۈچى ۋە داڭلىق ماركا تەسىر كۈچى بىلەن سىجىل ھالدا ئىستېمالچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.

 «تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى» كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى مۇلازىمەت، يېڭى تېخنىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تۇنجى دۇكان ئېچىش قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

 بۇ يىل شىنجاڭدىكى سودا تارماقلىرى تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى مەركىزى، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى توپلاشقان رايونلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىستېمال سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125