4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ نياۋچاۋجېندىكى غايەت زور «چاق شەكىللىك دومىلىما» لەگلەك پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. (مۇخبىر لېي تىڭ فوتوسى)
4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىنىڭ «باھار تۈسىگە كىرگەن يىپەك يولى. تىيانشاندا ئۇچۇرۇلغان لەگلەك» شەندۇڭ ۋېيفاڭ لەگلەك كۆرىكى ۋە 2025- يىللىق شۈيمو لەگلەك كاتتا مەرىكىسى شىرېنزىگوۋ نياۋچاۋجېندا داغدۇغىلىق باشلاندى. پائالىيەت نەق مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، كۆك ئاسمان لەگلەكنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندى، شەكلى ھەر خىل چوڭ لەگلەكلەر ئارقا- ئارقىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى لەگلەك كاتتا مەرىكىسىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ساياھەت شۆبە جەمئىيىتى ئېلىپ كەلگەن سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق شەكلىدىكى لەگلەك بولدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى يۈ دېشۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق سېپى شەكلىدىكى لەگلەك سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق شەكلىدىكى توققۇز لەگلەكتىن تەركىب تاپقان، ھەربىر سىياھ بېلىق شەكلىدىكى لەگلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىردىن 26 مېتىرغىچە بولۇپ، ئۇچۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، لەگلەكنىڭ يىپىنى ئاپتوموبىل سۆرەش ئىلمىكىگە مۇقىملاشتۇرۇپ، تۆت ئادەم زىچ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق ھەيۋەتلىك لەگلەك نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«لەگلەك ئۇچتى، نېمە دېگەن ھەيۋەتلىك، ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ لەگلەكنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن». خەينەندىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن چېن شىڭدا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن نەق مەيداندىكى كەيپىياتتىن قاتتىق ھاياجانلىنىپلا قالماي، يەنە بىر لەگلەك سېتىۋېلىپ، لەگلەك ئۇچۇرۇش قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، باھاردىكى بۇ خۇشاللىقنى ھېس قىلدىم.
باشلىنىش مۇراسىمىدا لەگلەكلەرنى كۆرگەزمە قىلىشتىن باشقا، يەنە ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى، ئۇنىڭغا يەنە مول، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەسىراتى پائالىيەتلىرى سىڭدۈرۈلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى نەق مەيداندا لەگلەك ياساش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتلەرنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى؛ بىر ئائىلە كىشىلىرى قولدا لەگلەك ياساش رايونىدا پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن لەگلەك ياساپ، ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئىللىق مىنۇتلاردىن بەھرىمەن بولدى؛ كوزۇپ بازىرىغا شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى توپلانغان بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار ۋە ئىشتىھانى ئاچىدىغان مەززىلىك تائاملار پائالىيەت نەق مەيدانىنى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، پائالىيەتتە يەنە سۈرەتلىك كۆرگەزمە تاختىسى، ئەمەلىي بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەندۇڭ ۋېيفاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى لەگلىكى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ساياھەتچىلەر لەگلەك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك لەگلەك كاتتا مەرىكىسى 4- ئاينىڭ 19-، 20- كۈنلىرى شىرېنزىگوۋدا، 4- ئاينىڭ 26- كۈنى يەنە شىمىگۇ رايونى كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ مەزگىلدە ئۆسمۈرلەر لەگلەك ياساش مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى لى ۋېنۋۇ مۇنداق دېدى: لەگلەك كاتتا مەرىكىسىدە رايون ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا تايىنىلىپ، «مەدەنىيەت + ساياھەت + تەنتەربىيە» يۇغۇرما ماركىسى يارىتىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇنۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتىيازلىق مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە قۇۋۋەت قوشۇلدى. (مۇخبىر ۋاڭ لېي)