​سەككىز قەۋەت (بالوۋ)تە توختايدىغان 2- يول ئاپتوبۇسى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا قايتىپ كەلدى
17:55:04 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

«2- يول ئىزنالىرى» ئۈرۈمچىدىكى شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش تۇنجى مەخسۇس لىنىيەسى بولۇپ قالدى

«2- يول ئىزنالىرى . شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى»گە سەپلەنگەن ئاپتوبۇسنىڭ تىپى ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق جىنلۇڭ يولۇچىلار چوڭ ئاپتوبۇسى بولۇپ، ئاپتوبۇس گەۋدىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئىلگىرىكى 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ قىزىل، ئاق رەڭلىك ئەسلىي قىياپىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. (مۇخبىر دىلنار جارقىن فوتوسى)

 كۆپچىلىكنىڭ تولۇپ تاشقان ئۈمىدكە تولغان نەزەرى ئىچىدە، ئىلگىرى داۋلاڭنىڭ ناخشىسىدا ئېيتىلىپ كەلگەن «سەككىز قەۋەت (بالوۋ)تە توختايدىغان 2- يول ئاپتوبۇسى» يېپيېڭى قىياپەت بىلەن شەھەر كوچىلىرىغا قايتىپ كەلدى. 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى خېماچۈەن ئاممىۋى قاتناش مەيدانى بېكىتىدە «2- يول ئىزنالىرى . شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى»دە قاتناش باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ لىنىيە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش تۇنجى مەخسۇس لىنىيەسى بولۇپ قالدى.

 «2- يول ئىزنالىرى . شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى»گە 30 ئاپتوبۇس سەپلەنگەن، ئاپتوبۇسنىڭ تىپى ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق جىنلۇڭ يولۇچىلار چوڭ ئاپتوبۇسى بولۇپ، ئاپتوبۇس گەۋدىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئىلگىرىكى 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ قىزىل، ئاق رەڭلىك ئەسلىي قىياپىتى بويىچە سىرلانغان.

 ئۈرۈمچى 2- يول ئاممىۋى باش لىنىيەسىدە 1946- يىلى تىجارەت باشلانغان، بۇ لىنىيە ئىلگىرى شەھەرنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالتۇن لىنىيە بولۇپ، نۇرغۇن سودا چەمبىرىكى ۋە ئاھالىلەر رايونىنى قاپلىغان، داۋلاڭنىڭ «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» ناملىق ناخشىسىدىكى «سەككىز قەۋەتتە توختايدىغان 2- يول ئاپتوبۇسى» ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر نام كارتىسىغا ئايلانغان.

 2- يول مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتنايدىغان ئاپتوبۇسقا چىققاندا، ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا ئىشىكىگە يېقىن جايدا «مەن 2- يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇردۇم»، «سەككىز قەۋەتنى ئەسلەش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان داكا نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ يېنىدىكى كونا بېلەت سېتىش سۇپىسى، بېلەت قىسقۇچى، بېكەت مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق كونا بۇيۇملار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، كونا ھېسلار بىراقلا ئۇرغۇيدۇ.

 ئاپتوبۇسقا چىقىش پەلەمپېيى پەس قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئاپتوبۇس ئىچىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئاپتوبۇس تېلېۋىزورى سەپلەنگەن بولۇپ، ئېكراندا «ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىش» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى تەكرار قويۇلۇپ تۇرىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى قوش يۆنىلىشتە 26 كىلومېتىر يول يۈرىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىنى يۈرۈپ بولۇشقا 110 مىنۇت كېتىدىكەن؛ قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە سەككىز مىنۇتتا بىر ئاپتوبۇس، ئادەتتىكى ۋاقىتتا 16 مىنۇتتا بىر ئاپتوبۇس يولغا چىقىدىكەن، يولۇچى توشۇش ۋاقتى سائەت 7:30دىن 22گىچە قىلىپ پىلانلانغان. شۇنداقلا يەنە توشۇش كۈچى، ئاپتوبۇسنىڭ قاتناش ۋاقتى ۋە ئاپتوبۇسىنىڭ قاتناش ئارىلىقى يولۇچىلار ئېقىمى بويىچە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ھەمدە قىش، ياز پەسلىدە ئالماشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىدىكەن، بېلەت باھاسى ۋاقتىنچە ھەربىر ئادەمگە بىر يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 6- بۆلۈمىنىڭ شوپۇرى گو گاڭنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇس ھەيدەۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە 2- يول مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. 2- يول ئاپتوبۇسى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شەھەرنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسى. بىز ئاپتوبۇسنى ياخشى ھەيدەش بىلەن بىللە، «مەدەنىيەت- ساياھەت تونۇشتۇرغۇچىسى»غا ئايلىنىپ، ئاپتوبۇس يولغا چىقىش ئالدىدىكى، قىزىل چىراغ يانغان چاغدىكى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، يولۇچىلارغا لىنىيە ئەتراپىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، يولۇچىلارغا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش جەريانىدا شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋۇ تاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ قايتا قاتنىشى بىزنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىز، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىشىمىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە. لىنىيە ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى تولۇق ئويلىشىلغاچقا، بۇ لىنىيە نۇرغۇن مۇھىم رايوندىن ئۆتۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرى، سودا رايونلىرىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇردى. بۇ لىنىيە سەندۇڭبېي، جەنۇبىي باغچە، تىنچلىق كۆۋرۈكى، 1- ئىيۇل جاڭيۇ زاۋۇتى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى، خۇڭسەن، شىخۇڭ يولى، مۇزېي، بالىلار باغچىسى، سەككىز قەۋەت، دوستلۇق سودا سارىيى، نەنخۇ ئولتۇراق رايونى، ئەمگەك كوچىسى، بېيمېن، خەلق مەيدانى، نەنمېن، شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى سەنشىخاڭزا، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، يەنئەن يولى، شىنجاڭ داشۆ، سەندۇڭبېي قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ، جەمئىي قوش يۆنىلىشلىك 21 بېكەت، تاق يۆنىلىشلىك بەش بېكەت بار». (مۇخبىر لياڭ شۇفاڭ) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125