مېتىل ئالكوھول تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شامال ئېلېكتىر تۈرىدە ئىش باشلاندى
18:01:51 2025-04-21 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭ جۇڭتەي پۈتۈنلەي يېڭى كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى دېيىلىدۇ)نىڭ ئاقىل چوڭ ئېكرانىدا، يىلىغا 1 مىليون توننا مېتىل ئالكوھول ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نەق مەيدانى بىلەن 1 مىليون 150 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە ئىش باشلاش ئەمەلىي ئەھۋالى ئالماشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىلدى، كارخانىنىڭ كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھى ئىككى چوڭ نۇقتىلىق تۈردىكى مۇھىم پەيتكە گۇۋاھ بولدى.

 بۇ، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى كۈچەپ بەرپا قىلغان «2+ 2» زامانىۋى كەسىپ تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىدە ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەندىزىدە يېشىل خىمىيە سانائىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك پاختا توقۇمىچىلىقى ئاساسىي كەسىپ قىلىنىش بىلەن بىللە، يېڭى ماتېرىيال كەسپى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش بىلەن زامانىۋى سودا ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

 شۇ كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى داغدۇغىلىق ھالدا «يېڭى جۇڭتەي، يەنە ئاتلىنىش» يۈرۈشلۈك نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىش ۋە يېڭى قىياپەت تەرەققىيات يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ۋەكىللىرى، كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى چوڭ نۇقتىلىق تۈردىكى مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئورتاق گۇۋاھ بولدى، كارخانىنىڭ يېشىل، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە زامانىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

 ئىككى تۈر بىر كۈندە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى

 چوڭ ئېكراندا، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 1 مىليون توننا مېتىل ئالكوھول ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نەق مەيدانى بىلەن ئۇلاندى، گەرچە بۇ تۈر تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى بىر چۆللۈككە جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن زاۋۇت ئۆيى ۋە خىمىيە سانائىتى قۇرۇلمىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

 سىستېمىنىڭ قوزغىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ تۈر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ يەنە شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى جۇڭتەي، يەنە ئاتلىنىش»تىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈر ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1350 مو بولۇپ، يىلىغا 1 مىليون توننا مېتىل ئالكوھول ئىشلەپچىقىرالايدۇ، «كۆمۈر توپىسى+ كوكس كۆپۈكى+ كېرەكسىز كۆمۈر گازى»نى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئارقىلىق مېتىل ئالكوھول ئىشلەپچىقىرىپ، كۆمۈرنى دەرىجىگە، سۈپەتكە ئايرىپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 تۈر نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتى 1 مىليون توننىلىق مېتىل ئالكوھول تۈرىنىڭ مەسئۇلى ما كۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرگە دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يۈرۈش پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە 1 مىليون توننىلىق مېتىل ئالكوھول قۇرۇلمىسى تاللىنىپ ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يادرولۇق ھۈنەر- تېخنىكا بوغچىسى ۋە جابدۇقلار پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قۇرۇلمىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پائال ئۈلگىلىك رول ئوينىدى.

 «بۇ قۇرۇلما ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تۈجۈپىلىك خىمىيە سانائىتى ۋە خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال كارخانىلىرىنىڭ خام ئەشيا ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرغىلى بولىدۇ». ما كۇي مۇنداق دېدى: بۇ تۈر شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

 ئارقىدىن كۆرۈنۈش جۇڭتەي يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ توقسۇندىكى ئۆزى تەييارلىغان يېشىل توك ئارقىلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىش تۈرىگە ئالماشتۇرۇلدى.

 ئىش باشلاش نەق مەيدانىدا ئىشچىلار ۋە قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك تىزىلىپ، قۇرۇلۇش باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

 جۇڭتەي يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ توقسۇندىكى ئۆزى تەييارلىغان يېشىل توك ئارقىلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 150 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى 700 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ قېلىنىدۇ، 1 مىليون 930 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ئاز قويۇپ بېرىلىدۇ.

 «بۇ تۈردە يېشىل توك ئارقىلىق ئورنىنى ئېلىش ۋە يېشىل خىمىيە سانائىتى چۆرىدىلىپ، ھىدروگېن، ئاممىياك، ئالكوھول قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىدۇ». ليۇ چاۋ مۇنداق دېدى: شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئېنېرگىيە ساقلاش، يېشىل ھىدروگېن، يېشىل ئاممىياك، يېشىل ئالكوھول قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك يېشىل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتىنىڭ تۇنجى يېشىل خىمىيە سانائىتى شەھەرچىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بەرپا قىلىمىز.

 شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقىرىپ تەسىس قىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى شېرىكسىز شىركەت، ئۇنىڭ ئاساسى 1958- يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى دېھقانچىلىق دورىسى زاۋۇتى بولۇپ، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار زاۋۇتى، خىلور- ئىشقار زاۋۇتى، جۇڭتەي خىمىيەسى قاتارلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2012- يىلى 7- ئايدا جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى ئاساسىدا شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھىنى تەشكىللەپ قۇرغان؛ 2023- يىلى 1- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنى كەسىپ گۇرۇھى قىلىپ بېكىتكەن.

 67 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت تايانچ كارخانىسى ۋە ساھە باشلامچى كارخانىسىغا ئايلاندى.

 كۆپ كەسىپ تەڭ تەرەققىي قىلدى

 مەيلى مىليون توننىلىق مېتىل ئالكوھول تۈرى بولسۇن ياكى ئۆزى تەييارلىغان يېشىل توك ئارقىلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىش تۈرى بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتىنىڭ «يەنە ئاتلىنىش»تىكى ۋەكىللىك تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

 شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا خام ماتېرىيال، شۇنداقلا قېلىپلاشقان ماتېرىيال، ئائىلە بېزەكچىلىكى ماتېرىيالى، سانائەت ساھەسىدىكى قوللىنىشچان ماتېرىيال، ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى قوللىنىشچان ماتېرىيال، تۈرلۈك توقۇلما بۇيۇم قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى نامايان قىلدى.

 گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن سۇڭ كېمىڭ جۇڭگو ليەنسۇ گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىنژېنېرى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى، ئاساسلىقى پولىۋىنىل خىلورىد سىمولىسى قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى سېتىۋالىمىز، بۇ مەھسۇلات بىناكارلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە ماس كېلىدۇ، بۇ يىل چەت ئەلدىكى بازىلارنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىچكى موڭغۇل شىنتيەنشيا سولياۋچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ سەيجيې مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقىنىغا ئون يىل بولدى، ئاساسلىقى PVC تەنھەرىكەت پولى ۋە سودا پولى ياسايمىز، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى كارخانىمىزنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ قېتىم شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتىنىڭ بىر قاتار نەتىجىلىرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، تۈرلۈك مەھسۇلاتلار ۋە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدۇق.

 2025- يىلى شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتىنىڭ «سۈپەت باشقۇرۇش تۇنجى يىلى»، شۇنداقلا كارخانا ئىككى يىللىق تۈزەش، ئىسلاھ قىلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن «يەنە ئاتلانغان» تۇنجى يىل.

 شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى ئېلان قىلغان يېڭى logoدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆزئارا تۇتاشقان ئالتە كۆپ تەرەپلىك شەكىلدىن تەركىب تاپقان بۇ سۈرەت خۇددى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش ھاياتىي كۈچكە تولغان. سىرتقى قىسمى ئوچۇق ھالەتتە بولۇپ، كارخانىنىڭ كېڭىيىش كۈچىنى نامايان قىلىدۇ، ئىچكى قىسمى بولسا بىرىكىش، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە سىمۋول قىلىنىدۇ. logoدىكى سېرىق، سۇس كۆك ۋە قېنىق كۆك رەڭلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل خىمىيە سانائىتى، ئىلمىي تەرەققىيات ئاساسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن «ئۇلىنىش، يۇغۇرۇلۇش»تىن ئىبارەت ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ.

 شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ پىڭياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كارخانىمىز كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، «كەسىپ گۇرۇھى»نىڭ تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، كورلا پولىئېستېر تۈرى شىنجاڭ ئىچىدىكى خىمىيەلىك تالا كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، توقسۇندىكى 1 مىليون توننىلىق مېتىل ئالكوھول تۈرى ماتېرىيال سېلىنىپ سىناق قىلىندى، قۇرۇلۇۋاتقان يېشىل توك ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش جەھەتتە، مەھسۇلاتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، پەرقلىقلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىپ، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سىمولا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئارىلاشما يىپ قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، «ئاقىل كان» قاتارلىق رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تۈرلەر يولغا قويۇلدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى يەنە تىجارەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، «سېتىشقا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش، ئۈنۈمگە قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش»تە چىڭ تۇرۇپ، غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنى ئېچىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق يېڭى خەلقئارا بازارلارنى ئاچتى.

 «بىز كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، <ئەمەلىي> بولۇشنى ئاساس قىلىپ، <زەنجىرسىمان> تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <يېشىل> بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز». شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور ما ۋېنيۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى دىققەتنى يېشىل خىمىيە سانائىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك پاختا توقۇمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يادرولۇق ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈمگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۈجۈپلىشىشى، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش، شامال- يورۇقلۇق ماسلىشىش، يېشىل ھىدروگېن قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولىنى پائال ئاچىدۇ.

 كەلگۈسىدە، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان زامانىۋىلاشقان خىمىيە سانائىتى پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپ گۇرۇھىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشتىن ئاخىرقى ئۇچتىكى مەھسۇلاتنى سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت كارخانىسى كۈچىنى قوشىدۇ. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125