شيېچېڭ سۇپىسى «1- مايلىق ساياھەت سەپىرىنى مۆلچەرلەش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى
شىنجاڭ قىزغىنلىقى ئۆرلىدى، چېگرادىن كىرىپ ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش زاكاز مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشتى
1- مايلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالدى، ساياھەت بازىرى قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى. شيېچېڭ سۇپىسى ئېلان قىلغان «1- مايلىق ساياھەت سەپىرىنى مۆلچەرلەش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1- مايلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت بازىرى قىزغىنلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن، ساياھەت زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %177 ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدىكەن.
شيېچېڭ سۇپىسى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېلان قىلغان «1- مايلىق ساياھەت سەپىرىنى مۆلچەرلەش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ 1- مايلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ قىزغىنلىقى گەۋدىلىك بولىدىغان بولۇپ، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %140 ئاشىدىكەن. 4- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ساياھەت قىلىش ئومۇمىي زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39، مېھمانساراي زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان. ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى شاڭخەي، بېيجىڭ، شېنجېن، خاڭجوۋ، چاڭشا، گۇاڭجوۋ ئىكەن.
ئۈرۈمچى ئۆزىنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولۇش ئورنى ۋە مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. 1- مايلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى، ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى، ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرى ئۈرۈمچىنىڭ مول تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. (مۇخبىر لى كەي)