4- ئاينىڭ 18- كۈنى، تېببىي خادىملار تولۇق 3- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە. مۇخبىر لياۋ جۈن فوتوسى
4 - ئاينىڭ 18- كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ 2025- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوبلاست دەرىجىلىك مەكتەپتىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. بۇ بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.
سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن تولۇق 3- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى ئېلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، ئىچكى كېسەللىكلەر، تاشقى كېسەللىكلەر قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەرتىپلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ باردى. تېببىي خادىملار بەلگىلەنگەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىپ، ھەربىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىلمىي، ئوبيېكتىپ باھالاش بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان قان شېكىرى تۆۋەنلەش، يىڭنە سانجىشتىن باش قېيىش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى نەق مەيداندا گىلۇكوزا سۈيى قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلىدى ھەمدە تەپسىلىي بولغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.
«يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، بىز ئوقۇغۇچىلارغا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەكىتلىدۇق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3- يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرى جوۋ يەنيەن مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى، نەق مەيداندا تەشكىللىشى تەرتىپلىك، تېببىي خادىملار ئەستايىدىل مەسئۇل بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا تۈرلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشلەرنى تاماملىدى.
«ئوبلاست دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى 10 كۈن داۋاملىشىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دوختۇرخانا رەھبەرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خادىملارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ تەقسىملەشتىن كەسپىي ئۈسكۈنىلەرنى دەل جايىدا تەڭشەشكىچە، ئاندىن ماددىي ئەشيالارنى تولۇق زاپاس ساقلاشقىچە، ھەربىر ھالقىدا ئېھتىياتچان، ئىنچىكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.» دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ لىجۈەن. (مۇخبىر لياۋ جۈن)