بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 38 كارخانا ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا بولۇپ باھالاندى
18:15:16 2025-04-21 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 ئومۇمىي سانى 165كە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

  4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى 2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 38 كارخانا يېڭىدىن بېكىتىلدى، 43 كارخانا قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، ئومۇمىي سانى 165كە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ قېتىم تاللانغان كارخانىلار نېفىت، خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى، بۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە- ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاساسلىقى بىرقەدەر يۇقىرى كەسىپلىشىش سەۋىيەسى، بىرقەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا يۈزلەنگەن، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يادرولۇق كۈچتۇر. بۇ قېتىم بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى يېڭىدىن بېكىتىلگەن 38 كارخانىنىڭ كۆپىنچىسى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ساھەسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن 43 كارخانا ئىنچىكە ئايرىلغان بازاردا سىجىل چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى «يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارـــ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارـــ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ‹كىچىك گىگانت› كارخانىلار» پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، دەل جايىدا سىياسەت ئارقىلىق يۆلەشنى يولغا قويدى. ھەرىكەتچان يېتىشتۈرۈش ئامبىرى قۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ۋە كارخانىلار ئارىسىدىن سۈپەتلىك كارخانىلارنى تاللاپ ئامبارغا كىرگۈزۈپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. سىياسەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون يېڭىدىن بېكىتكەن «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» كارخانىلار ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى پەلەمپەيسىمان ئەترەت كارخانىلارنى مۇكاپاتلاش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

 «يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كەسىپ زەنجىرىنى جانلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا». بايىنغولىن ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئىدارىمىز كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنى دىققەتنى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدا تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. (مۇخبىر جاڭ شياۋخۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125