بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى باغچە رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا 1- پەسىلدە «تۇنجى ئىش غەلىبىلىك باشلاندى»
18:14:22 2025-04-21 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.5 ئاشتى

 مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025- يىلى 1- پەسىلدە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى توققۇز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى باغچە رايونى كۈچلۈك تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرغان، سانائەت ئىقتىسادىدا «سەككىزدە ئېشىش، بىردە تۆۋەنلەش»تەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى جەمئىي 5 مىليارد 486 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.5 ئېشىپ، يەرلىكنىڭ نېفىتتىن باشقا سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %86.9كە يەتكەن، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى گەۋدىلىك بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 4.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان.

 1- پەسىلدە، چەرچەن، خوشۇت، يەنجىدىن ئىبارەت ئۈچ باغچە رايونىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك %30نى بۆسۈپ ئۆتۈپ، رايون ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندى. 3- ئايدىلا، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەرقايسى باغچە رايونلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 984 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.4 ئېشىپ، مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى.

 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى باغچە رايونلىرىغا ماكانلاشقان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 928گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسى 219 بولۇپ، ئوبلاست بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %69ىنى ئىگىلەپ، باغچە رايونلىرىنىڭ كەسىپلەر توپلاشقان ئاساسىي بازا بولۇشتەك مۇھىم رولى گەۋدىلەندى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، باغچە رايونلىرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى يادرولۇق ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچ چىقارغان.

 بايىنغولىن ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، باغچە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئوبلاست سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىمىز. (مۇخبىر جاڭ شياۋخۇڭ) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125