يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىگىلىك تىكلەپ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتى
18:03:56 2025-04-21 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 نيې ۋېيجيې باغراش ناھىيە ئۇلانزېكسىن بازىرى ئۇلانزېكسىن كەنتىدىكى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. بۇ ئىككى يىلدا باغراش ناھىيەسى ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدا ئىگىلىك تىكلەش خىيالى پەيدا بولدى. بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئۆز ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا بەرپا قىلىشقا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى. 

 «بىزنىڭ ئۆي مەنزىرە رايونىغا ئىنتايىن يېقىن، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەر  ئېقىمى نىسبەتەن زور، مېنىڭ بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇم يوق، شۇڭا يۇرتۇمدا ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىشنى تاللىدىم»، دېدى باغراش ناھىيە ئۇلانزېكسىن بازىرى ئۇلانزېكسىن كەنتى ئاھالىسى نيې ۋېيجيې.

 نيې ۋېيجيې يېزىلارنىڭ ئاددىي ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ ئازادىلىكىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بىر يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھازىر مېھمانخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى، ئۆي ئىچى بېزىلىشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 5- ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

 «ئومۇمىي مەبلەغ تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولۇپ، جەمئىي 14 ياتاق بار. ئوخشىمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆلچەملىك ياتاق، يالغۇز كىشىلىك ياتاق، ئۈچ كىشىلىك ياتاق تەسىس قىلىندى، تەخمىنەن 36 ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تىجارەت قىلىمىز، يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ، قىشتا پار بار، ساياھەتچىلەرگە يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرىمىز»، دېدى باغراش ناھىيە ئۇلانزېكسىن بازىرى ئۇلانزېكسىن كەنتى ئاھالىسى نيې ۋېيجيې. (ئىختىيارىي مۇخبىر دۇغۇرجاپ، پەزىلىيە ياسىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125