ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
02:05:38 2025-04-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي قاراماي فېڭچېڭ نېفىتلىكىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش بويىچە باشلامچى سىناق تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سۇ پارى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق قويۇق نېفىت قېزىشقا تۈرتكە بولۇش سىنىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە قوللىنىش ئىستىقبالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا ئېنېرگىيە كەسىپ تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي شىنجاڭ جىڭپىن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى ۋە سېخلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، 12GW يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى ھەم كىرېمنىي ياپراقچىسى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، كارخانا مەسئۇللىرىنى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا، ھۈنەر- سەنئەت، تەننەرخ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مۇسابىقە يولىدا چوڭقۇر، تۈجۈپىلىك ئىشلەشنى كۆزلەپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئارىلىقتا، ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى، قاراماينىڭ دىققەتنى مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى؛ باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تۈرلۈك توك مەنبەسىنىڭ كۆلىمى ۋە سەپلىنىش نىسبىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاشنىڭ ماسلىشىش- ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى؛ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىشكە ماس قەدەمدە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ۋە تۈرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ تۈرلىرىگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 ما شىڭرۇي قاراماي فېڭچېڭ نېفىتلىكىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش باشلامچى سىناق تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سۇ پارى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق قويۇق نېفىت قېزىشقا تۈرتكە بولۇش سىنىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە قوللىنىش ئىستىقبالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى، نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا پاكىز ئېنېرگىيەنى دەسسىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەنى پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نېفىت- تەبىئىي گاز بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نېفىت- تەبىئىي گاز بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىنى پائال كېڭەيتىپ، يېشىل نېفىت- تەبىئىي گازلىق ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشنى تەكىتلىدى. ما شىڭرۇي يەنە نېفىتلىكنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئۈنۈمىنى تەپسىلىي سورىدى، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، نېفىت- تەبىئىي گاز بويىچە چارلاش- ئېچىش ۋە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار، يۇقىرى يۈكلىمىلىك ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭى كەسىپ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي يەنە ئورقۇ رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋۇجېن بازىرى مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تىجارەت باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تۈرنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى- مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرۇلغان خاس ماركا بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

 قادېن كەبىن، شى گاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125