ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
ھازىر، قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى جىددىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنماقتا، بۇ قۇرۇلۇش ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»دىن ئىبارەت بۇ يول ئارقىلىق شىنجاڭ قومۇلدىكى ئەلا سۈپەتلىك شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلار ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پەقەت يەتتە مىللى سېكۇنتتىلا چۇڭچىڭغا يېتىپ بارىدۇ.
بۇ ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ.
بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ جانلىق، ئىخچام كۆرۈنۈشى.
داۋانچىڭ چۆللۈكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇنجى تۈركۈمدىكى چاقپەلەكتىن تەكلىماكان قۇملۇقىدا 100 چاقىرىمغا سوزۇلغان يورۇقلۇق ۋولت كۆك دېڭىزىغىچە؛ «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جاپالىق شارائىتتا مۇز يېرىشتىن، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇشقىچە... 70 يىللىق تېز ئۆزگىرىشتە، شىنجاڭ ئايلىنىۋاتقان شامال گېنېراتورى چاقپىلىكى ئارقىلىق جۇڭگو ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ دائىرىسىنى ئۆلچىدى، يورۇقلۇق ۋولت سېپى ئۇچقۇنى ئارقىلىق غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىنى يورۇتتى. يېڭى دەۋردىكى مۇساپىدە، دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ ئېنېرگىيە مۇنبەت تۇپرىقى تېخىمۇ پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
شامال- يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قەد كۆتۈردى
4- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى. شىنجاڭ نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىدىغان «يېڭى ئېنېرگىيە +» تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈر جېمىنەي چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىكى «مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاش»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى بىلەن ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ھازىر، شىنجاڭ «2025- يىلى يېڭىدىن 30 مىليون كىلوۋات شامال ئېلېكتىرىنى كۆپەيتىش، تورلاشتۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش رېكورتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىماقتا.
شىنجاڭدا ئون چوڭ شامال رايونى ۋە بەش چوڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيە رايونى بار بولۇپ، شامال ئېلېكتىر يورۇقلۇق ۋولت بايلىقى جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. 1985- يىلىلا، شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىدە ئىزدىنىش باشلانغانىدى. 1989- يىلى، شىنجاڭ داۋانچىڭدا دانىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان 150 كىلوۋاتلىق 13 شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قەد كۆتۈردى، سىغىمچانلىقى 2050 كىلوۋات كېلىدىغان بۇ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەينى چاغدا جۇڭگو ھەتتا ئاسىيادا كۆلىمى ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپى ئۈچۈن بىر تال «ئۇرۇق» چېچىلغانىدى.
يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.
2010- يىلىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ زور بىر تۈركۈم شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ھەم چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر بازىسى، چوڭ تىپتىكى تورلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇردى، ھەم بىر تۈركۈم «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۈرئەتنى تېزلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ پايدىلىنىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىش»تىن ئىبارەت يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەندىزىسىنى ئاچتى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە شامال ئېلېكتىر يورۇقلۇق ۋولتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان دەل ياخشى پەيت كەلدى.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا قومۇل، شەرقىي جۇڭغار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئۈچ يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى مەركەزلىك قۇرۇلدى، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، «14- بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن 2.8 ھەسسە ئاشتى. ئاسىيا بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان نىلقا 4 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە يەككە سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ بولغان چاقىلىق 4 مىليون كىلوۋاتلىق قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت يەككە تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تورلاشتۇرۇلدى... كۆز يەتكۈسىز قۇم دېڭىزىدا، يېڭى ئېنېرگىيە «بوستانلىق»لىرى ئارقا- ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، چۆل- باياۋان تېز سۈرئەتتە يېشىل ئېلېكتىر «كۆك دېڭىزى»غا ئايلاندى.
ئېنېرگىيە ساقلاشتا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتتى
4- ئاينىڭ 2- كۈنى، خۇاديەن كەيشېڭ مورى چۆرېن يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيە ساقلاش 1- پونكىتىنىڭ تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، 10 مىليون 97 مىڭ كىلوۋات \ 33 مىليون 713 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، گېنېراتورلار كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا، غەربىي قىسىم بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.
ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى يېڭى ئېنېرگىيەدە كەم بولسا بولمايدىغان «كۆلچەك»، شۇنداقلا يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈزلىنىشىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم يول. يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىياتىدا «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» سىجىل بېسىلدى.
كۇچا شەھىرىدە، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى − كۇچا يىلىغا 20 مىڭ توننا \ يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى 2023- يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىلغاندا، ھەر يىلى 485 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ 300 مىڭ تۈپ كۆچەت تىككەنگە باراۋەر.
تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بۇلتۇر ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك چىقاردى. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش، چاستوتىسىنى تەڭشەش، فازىسىنى تەڭشەش، ئېنېرگىيە ساقلاش، ئايلانما زاپاس تەييارلاش ۋە «قارا قوزغىتىش» قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى پەللىدە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇقىم قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن جەمئىي 218ى قۇرۇلغان بولۇپ، تۆمۈر فوسفاتلىق لىتىي، تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق، فېيلۇن، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلېكتىر سىغىمى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كۆپ خىل ئېنېرگىيە ساقلاشقا تەڭ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق، شىنجاڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى چوڭ كۆلەمدە سىجىل، مۇقىم بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى. 2024- يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %3.6 ئۆسكەن.
«ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىياتىدا كۆلەملىشىش، بازارلىشىش، كۆپ خىللىشىش ئالاھىدىلىكى نامايان بولدى، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرقەدەر ياخشى ئۇيغۇنلىشالايدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىقتىساد- تېخنىكا تەتقىقات ئورنى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭلىڭ. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تورلاشتۇرۇش كۆلىمى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن.
يېشىل توكنى سىرتقا يەتكۈزدى
بۇ يىل 1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 32 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %24 بولدى. بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدا، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسىنىڭ سىجىل كېڭەيتىلگەنلىكى بار. نۆۋەتتە، شىنجاڭ «ئىككى ئۆزگىرىشچان توك، ئىككى تۇراقلىق توك» بويىچە تۆت سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى قۇرغان بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈش دائىرىسى ئەڭ دەسلەپكى يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە كېڭەيدى.
«باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش» قەدىمكىلەرنىڭ بايلىقنى تەڭشەشتىكى ئەقىل- پاراسىتى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»مۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭنىڭ يېشىل توكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە خەرىتىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 860 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئېنېرگىيەدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %30كە يېقىنلاشتى. جەمئىي سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى ئۆز جايىدا 260 مىليون 150 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئىشلەتكەنگە، توك يەتكۈزۈلىدىغان ئۆلكىلەر ئۈچۈن 702 مىليون 410 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، 2 مىليون 210 مىڭ توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.
شىنجاڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى يېڭى ئىقتىسادىي ئېكولوگىيەنى بارلىققا كەلتۈردى − قومۇل شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە 6- چوڭ ۋە غەربىي شىمال بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ تولۇق بولغان شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى بار بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى يېتەرلىك، قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولدى. ئۈرۈمچىنىڭ مول يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى يېشىل ھىدروگېن كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېشىل توك بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ھىدروگېن ئىشلەش، ھىدروگېن ساقلاش، ھىدروگېن توشۇش، ھىدروگېن قاچىلاش، ھىدروگېندىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرمەكتە. كۈچلۈك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ، قاراماي شەھىرى مەملىكەت بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كىنو- تېلېۋىزىيە، كارتون فىلىم تۈس بېرىش بازىسى قۇرغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي تۈس بېرىش ھېسابلاش كۈچىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى...
گېنېراتورلار كۆلىمىنى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇرۇش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلىدى −
يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، يېڭى ئەۋزەللىكنى سىجىل بەرپا قىلىدۇ؛ «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش، ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ؛ يۇقىرى يۈكلىمىلىك ئېنېرگىيە كەسىپلىرى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئوت ئېلېكتىر زاپىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى توپلاشقان رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھېسابلاش كۈچى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈنلەي يېشىل توك ئىشلىتىىدىغان، توك باھاسى تۆۋەن باغچە رايونى بەرپا قىلىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا توپلىنىشقا جەلپ قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ ...
شامال چىقىپ چۆللەر جانلاندى، يېشىل توك كەلگۈسىگە يۈزلەندى. شىنجاڭ «شامال ئېلېكتىر- يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى»نى قەلەم قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئېنېرگىيە ئىنقىلابى جاۋاب قەغىزىگە تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى پۈتمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)