ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
02:12:05 2025-04-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، 2- پەسىلدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرىگە كېلىپ، ئېنېرگىيە كەسپى، نۇقتىلىق تۈرلەر، كەسپىي مائارىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سانجى ئوبلاستى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ 2- پەسىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

 شىنجاڭ خەنشىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خاۋيۈەن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كۆمۈر ئاساسىدىكى مەنپىي قۇتۇپلۇق ماتېرىيال تۈرى ھەم يورۇقلۇق ئېلېكتىر ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش بىلەن بايلىقتىن پاكىز پايدىلىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۆۋەن كاربونلۇق بىر گەۋدىلەشكەن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، بالدۇر پۈتكۈزۈش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ جۈخۇڭ مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، رايون ئىچىدىكى تۈرلۈك سانائەت خەتەرلىك تاشلاندۇقلىرىنى مىقدارنى ئازايتىپ، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، زىيانسىزلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ھەم ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى قوغداشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: سىلانېتس مېيىنى قېزىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يادرو قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەننەرخنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى «كەنت كوللېكتىپى + كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. ئەركىن تۇنىياز يۈمۇ لياڭتيەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، يەر ئوبوروتى، تۈجۈپىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم كەنت كادىرلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يەنە فۇكاڭ لۇنېڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق كۆپ ئېنېرگىيە بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان تۈر نەق مەيدانىغا كېلىپ، يورۇقلۇق ۋولت، يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشنى تورلاشتۇرۇش ئەھۋالى ھەم قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ شىنجاڭ كېلىن سىدې يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېز ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى تېز ئىشلەش، بالدۇر ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى بالدۇر ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈر قاتلىمى گازى بويىچە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بويىچە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مارجانسىمان زەنجىر ھاسىل قىلىپ، باش تېمىسى روشەن بولغان سانائەت ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

 فۇكاڭ شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: شۇ جاينىڭ ساياھەت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يول بويىدىكى ئېتىزلىقلارغا ئىختىيارىي كىرىپ، بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە دۇڭگۇانىڭ تېرىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مۇنداق تەكىتلىدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ھەم ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى تۇتۇپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك مەنبەدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: سانجى ئوبلاستى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلىشى كېرەك. نېفىت- نېفىت خىمىيە، يېڭى ئېنېرگىيە- يېڭى ماتېرىياللار، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەر سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125