ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ مەنپەئەتلەندۈرۈشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولغان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 22 مىليون 501 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.05 ئېشىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىش قولغا كەلتۈرۈلگەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشقا تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، سانلىق مەلۇمات ۋە تېخنىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، دىققەتنى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى كىشىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئادەم ئىزدەش» ۋە دەل جايىدا دائىرىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى. سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتىغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىت ھازىرلىغان شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەق تاپشۇرۇش ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تاللاشقا يېتەكلىدى.
ئاپتونوم رايونىمىز تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ تارقىتىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتلىرىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقاتتى. قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا يار- يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ «ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش»، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شارائىتى بار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققىنى تاپشۇرۇشىغا ياردەم پۇل بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تولۇقلاپ تاپشۇرۇش» سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. 1- پەسىلدە، جەمئىي يىل ئىچىدە 136 مىڭ 100 ئادەم قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تولۇقلاپ تاپشۇرغان بولۇپ، تولۇقلاپ تاپشۇرغان سومما 1 مىليارد 340 مىليون يۈەن بولدى.
ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. رەقەملەشتۈرۈپ كۈچ قوشۇش ئارقىلىق، «توردا ئىش بېجىرىش زالى + يان تېلېفون Appسى + ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنالى» پۈتۈن تەرتىپلىك ئاقىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېپى بەرپا قىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت بىر گەۋدىلەشكەن ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تىك يۆنىلىشتە جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى تورى بىلەن توغرا يۆنىلىشتە جىپسىلاشتۇرۇپ، تىك يۆنىلىشتە ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، توغرا يۆنىلىشتە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىي قوللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلەندى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت سۇپىسىنى چوڭقۇر كېڭەيتىپ قوللاندى، 1- پەسىلدە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق ھەرقايسى سۇغۇرتا تۈرلىرىدىكى 14 مىليون 639 مىڭ 600 كىشىنى باشقۇردى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىدىن 890 مىڭنى بېجىردى. «شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» كۆچمە ئالاقە تورى قوللىنىشچان پىروگراممىسى (App) قاتارلىق تور مۇلازىمەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»كە تۈرتكە بولدى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمەت تورىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئالتە سودا بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا، قاتناش بانكىسى، شىنجاڭ بانكىسىدىن ئىبارەت ئىككى ھەمكارلىق بانكىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى چاستوتىلىق، خەتىرى تۆۋەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى ئىجتىمائىي كاپالەت- بانكا تور نۇقتىلىرىدا «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە 117 بېجىرگۈچى ئاپپارات، 1219 يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)، 12 مىڭ كەنت (مەھەللە)، 1329 ئىجتىمائىي كاپالەت- بانكا ھەمكارلىق تور نۇقتىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش «مۇلازىمەت تورى»نى شەكىللەندۈردى، «شەھەر رايونىدا پىيادە 15 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان، يېزا- كەنتلەردە بەش كىلومېتىر دائىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت چەمبىرىكىنى مۇستەھكەملىدى.
«كېيىنكى قەدەمدە، بىز بۇ يىلقى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرىمىز، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز ھەم تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە مايىللاشتۇرىمىز؛ يۇقىرى سۈپەتلىك سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتى بار كوللېكتىپ تەشكىلاتلارنىڭ ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇشىغا ياردەم پۇل بېرىشىگە تۈرتكە بولىمىز؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى <ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش>كە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ ۋېي.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)