ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ) 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2025- يىللىق مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتنىڭ بۇ يىللىق باش تېمىسى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېز ئالغا سىلجىتىپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىگە يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش، ھەمكارلىشىپ قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەستىقىغا ئېرىشىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش شىنجاڭ شۆبە مەركىزىنى قۇردى، تاۋار ماركىسى قوبۇل قىلىش كۆزنىكى، داڭلىق تاۋار ماركىسى يېتەكچىلىك پونكىتى، ھوقۇقنى قوغداشقا ياردەم بېرىش شۆبە مەركىزى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇق قاپلىدى. خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى يۇقىرى قىممەتلىك پاتېنت يېتىشتۈرۈش، داڭلىق تاۋار ماركىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇغراپىيەلىك بەلگە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.
يىغىندا ئېلان قىلىنغان «2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە 20 مىڭ 495 پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن %12.63 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگىنى 2091، ئەمەلىي ئىشلىتىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگىنى 17 مىڭ 141، سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى بويىچە پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگىنى 1263. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كەشپىيات پاتېنتى مىقدارى 3977، ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كەشپىيات پاتېنتى مىقدارى 1.53 بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن %10.07 ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مىقدارى 53 مىڭ 576 بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن %30.83 ئاشقان.
يىغىندا تۆت تۈرلۈك يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كەشپىيات پاتېنتى يۇمشاق تېما تەتقىقات نەتىجىسى ھەم ئۈچ تۈرلۈك پاتېنت يېتەكچىلىكى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پاتېنت تېخنىكىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى خاس پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە كەسپىي تەشۋىقات قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇنى قوغدايدىغان، قوللىنىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)