شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېسىم قانۇن مۇنبىرى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد- سودا كېسىم كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېسىم قانۇن مۇنبىرى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى مۇنبەر جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىلى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كېسىمنىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا ھالقىغان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
ئاساسىي مۇنبەردە «كېسىم ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى كۆزلەش، قانۇنچىللىق ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈپ، يېڭى مۇساپىنى كۈتۈۋېلىش» تېما قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تالاش- تارتىشلارنى ھەل قىلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مۇنبەرگە 26 دۆلەت (رايون)دىن كەلگەن 96 چەت ئەللىك مېھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، يىغىن كۆلىمى 300 كىشىلىك بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونى ھەم ئالاقىدار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى تالاش- تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالىملار ھەم ئەمەلىي ئىشلار ساھەسىدىكى كېسىم چىقىرىش قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تالاش- تارتىشىنى ھەل قىلىش ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى، چېگرا ھالقىغان كېسىم قانۇن ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونى ئىقتىسادىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قىسمەن چەت ئەللىك مېھمانلار يەنە شىنجاڭدا يېرىم كۈن تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، گۈللەنگەن، ئىناق شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلەيدۇ.
شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)