«پولات كارۋان» ئاسىيا- ياۋروپا ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭى سۈرئەت ياراتتى
02:33:52 2025-04-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدا

 «پولات كارۋان» ئاسىيا- ياۋروپا ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭى سۈرئەت ياراتتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

 4- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 10دا، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كىيىم- كېچەك، تۈرلۈك مال، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ ۋوگزالىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىپ، پولشا مالاشېۋىچقا يۈرۈپ كەتتى. جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدا قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 45 مىڭ قېتمدىن ئاشتى.

 جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئالاتاۋ پورتى يەككە ئەشيا ئوبوروت يولىدىن سودا، پىششىقلاش، مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن بىرىكمە تىپتىكى تۈگۈن بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، «پولات كارۋان»نىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، ئاسىيا- ياۋروپا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.

 جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى «بىرىكمە مۇشت»ئىچىدە، ئالاتاۋ تاموژنىسى تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، 2024- يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان تۆمۈريول ئارقىلىق چېگرادىن كىرىش- چىقىشتا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش كەسىپ ئەندىزىسىدە تەرتىپنى قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق «تەكشۈرگەن ھامان ئۆتكۈزۈۋېلىش، كەلگەن ھامان ئۆتكۈزۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن ۋاقىت بۆلىكى بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئالاتاۋ تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ 1- بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋاڭ گې مۇنداق دېدى: «بۇلتۇردىن باشلاپ كۈچەپ تۈرتكە بولغان تۆمۈريول ئارقىلىق چېگرادىن كىرىش- چىقىشتا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش كەسىپ ئەندىزىسىدە تاموژنىدا يۆتكەپ توشۇش ھالقىسى قىسقارتىلغان بولۇپ، كارخانىلار تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى ئىلتىماس قىلسىلا بولىدۇ، تاموژنىدا يۆتكەپ توشۇش تالونىنى ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز، تۆمۈريول ئارقىلىق تېز يەتكۈزىلىدىغان ماللار پورتقا يېتىپ بارسىلا ئۆتكۈزۈۋېتىلىدىغان بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى».

 بۇ ئەندىزە ئەمەلىيلىشىپ، كارخانىلار ئىلگىرىكى مۇرەككەپ بولغان تاموژنىدا يۆتكەپ توشۇش تەرتىپى بىلەن خوشلاشتى، نۆۋەتچى پويىز پورتقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن بىۋاسىتە ھالدا تۆمۈريولنىڭ قوبۇل قىلىپ بېجىرىش ھالقىسىغا بىۋاسىتە كىرىپ، «كەلگەن ھامان بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ راۋان يۈرۈش تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

 تاموژنا «يۇمشاق مۇھىتى»نى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىللە، پورت قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ «قاتتىق ئەمەلىي كۈچى»دىمۇ ھالقىش شەكلىدىكى يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئالاتاۋ تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانىدا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ پويىزنىڭ رېلىس ئىزىنى بويلاپ چارلاۋاتقان بولۇپ، يېپىق كارىدورلۇق كۆۋرۈك ئاپتوماتىك ھالدا پويىزغا ئۇدۇللىشىپ ماللارنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. بۇ تەكشۈرۈش مەيدانى 2024- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، «ئادەم بىلەن ماشىنا ماسلىشىش» مەشغۇلاتى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى تۆمۈريول مەشغۇلاتى بىلەن تەكشۈرۈش ھالقىسى گىرەلىشىپ كاشىلا قىلىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلدى.

 «بىز <پويىز توختىغان ھامان بېجىرىش>تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پويىزنىڭ باش- ئاخىرىغا مۇقىم تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ساۋمىياۋ تېخنىكىسىغا ماسلىشىپ، پۈتۈن پويىزدىكى مالنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى %40 ئۆستۈردۇق» ئالاتاۋ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 2- ئەترىتىنىڭ جاۋداۋيۈەنى ليۇ فېي مۇنداق بىلدۈردى: ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بىر قېتىم تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئەڭ دەسلەپكى چاغدىكىدىن 10 مىنۇت قىسقاردى، ھازىر ئەڭ تېز بولغاندا 15 مىنۇتتىلا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى تاماملىغىلى بولىدۇ، بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش مىقدارى 29 قېتىمغا يەتتى.

 ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنىڭ كەينىدە قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بار. يۈك ساندۇقىنى ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش رايونىدا، تۆت گۇرۇپپا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش لىنىيەسى 24 سائەت توختىماي ئايلىنىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان 600 مىڭ توننا دەرىجىلىك كانايسىمان ئاشلىق ئامبىرى ۋە 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان پارچە مال دۆۋىلەش مەيدانىغا ماسلىشىپ، بىر كۈنلۈك ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش ئىقتىدارىنى 2000 ئۆلچەملىك ساندۇقتىن ئاشۇردى.

 جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ ۋوگزالى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياڭ كې مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالاتاۋ ۋوگزالى ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش 2- رايونى، يۈك ساندۇقى ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئارقا- ئارقىدىن تاماملاندى، «ھازىر پۈتۈن لىنىيەدە پۈتۈن كۈنلۈك يۈك ساندۇقى ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ، بۇ قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىپ، ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش ئىقتىدارىنى ئىلگىرىكىدىن %25تىن ئارتۇق ئۆستۈردى».

 ھازىرغا قەدەر، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 123كە يېتىپ، 2023- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا سەككىز لىنىيە يېڭىدىن كۆپىيىپ، دۆلەت ئىچىدىكى 26 ئۆلكىنى قاپلاپ، گېرمانىيە، پولشا، قازاقىستان قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتاشتى، مال تۈرى ئەنئەنىۋى تۈرلۈك ماللاردىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارغا كېڭەيدى.

 «يول ئىقتىسادى»دىن «تۈگۈن ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، ئالاتاۋ پورتى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلماقتا. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدە، 784 كارخانا ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش، سودىنى چۆرىدەپ توپلىشىپ تەرەققىي قىلدى، 2024- يىلى باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودا قىممىتى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا «1210» «9710» ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، يىللىق ئېكسپورت قىلىنغان پوسۇلكا مىقدارى 27 مىليوندىن ئاشتى.

 ئالاتاۋ شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت- ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جۇ لى مۇنداق بىلدۈردى: پورتنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى قوشۇلۇپ، بۇ يىل ئىچىدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى %30 ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى، شۇ چاغدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشىگە تىرەك بولۇپ، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە توشۇش»تىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولىنى ھەقىقىي بەرپا قىلىپ، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك «شىنجاڭ قۇۋۋىتى» بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125