4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى «2- يول ئىزنالىرى شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى» رەسمىي ئېچىلىپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن بۇ «مەدەنىيەت بەلگىسى» قاتناشتىن توختاپ 14 يىلدىن كېيىن كوچىلاردا قايتا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ، قاتناش تورىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭلا ئەمەس، بەلكى شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدۇر.
20 نەچچە يىل ئىلگىرى ناخشىچى داۋلاڭنىڭ «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» ناملىق ناخشىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالغانىدى. «سەككىز قەۋەت (بالوۋ)تە توختايدىغان 2- يول ئاپتوبۇسى» دېگەن بىر جۈملە سۆز سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ شەھەرگە نىسبەتەن گۈزەل خىياللارغا چۆمدۈردى، شۇنداقلا بۇ لىنىيەنىڭ داڭقىنى يىراقلارغا تارقاتتى. ئىلگىرى 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى شەھەرنىڭ جەنۇب- شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇڭسەن، سەككىز قەۋەت (بالوۋ) قاتارلىق شەھىرىمىزدىكى نۇرغۇن يەر بەلگىسى ۋە ئاۋات سودا چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك قاتناش، بىلىم ئېلىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدىكى ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى ئىدى. شەھەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ قولايلىقلاشقان BRT ۋە مېترو 1- لىنىيەسى تەدرىجىي ھالدا 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ ئورنىنى ئالدى، لېكىن 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى قىممەتلىك شەھەر خاتىرىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى.
«سەككىز قەۋەت (بالوۋ)تە توختايدىغان 2- يول ئاپتوبۇسى»نىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەدەنىيەت بەلگىسى بولالىشىغا دەل ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ئۆزىگە خاس تارىخىي چوڭقۇرلۇق ۋە كوللېكتىپ ئەسلىمە سەۋەب بولغان. سەككىز قەۋەت (بالوۋ)نىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان شىنجاڭ كوئېنلۇن مېھمانخانىسىنىڭ مەركىزىي بىناسى 1959- يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش، شۇنداقلا شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى بولۇپ قالغانىدى؛ سەككىز قەۋەت (بالوۋ)تە توختايدىغان 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۆچمە قان تومۇرى ئىدى. داۋلاڭ بەدىئىيلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ئارقىلىق «مەدەنىيەت بەلگىسى»نى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئورتاقلىقىغا ئايلاندۇردى. بۇ خىل ئورتاقلىق 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ قاتناشتىن توختىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىپ كەتمەستىن، ئەكسىچە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، قاتناشتىن توختىغىنىغا 14 يىل بولغان 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى «ۋاقىت ئاپتوبۇسى»غا ئايلىنىپ، يەنە يېپيېڭى قىياپەت بىلەن يولغا چىقتى. بۇ لىنىيە سەككىز قەۋەت (بالوۋ)، سەندۇڭبېينى باش ۋە ئاخىرقى بېكەت قىلغان، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، سودا رايونىنى قاپلاپ، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى شەھەر ساياھىتى مەخسۇس لىنىيەسى بولۇپ قالدى. بۇ لىنىيەدە تارىخىي ئاساسنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىنىيە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلدى.
شەھەر ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ قەلبلەردە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىدىغان ئاچقۇچ بولۇپ، كىشىلەرگە ئىلگىرى 2- يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇش جەريانىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قايتا ئەسلىتىدۇ؛ ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىغان كۆزنەك. ئۈرۈمچى قاتناش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە نومۇرىنى ساقلاپ قېلىش، سەككىز قەۋەت (بالوۋ) باش تېما قىلىنغان بېكەت بەرپا قىلىش، «2- يول ئىزنالىرى شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى»نى ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، خۇددى زامانىۋى مەنزىرە ئىچىگە مەدەنىيەت ئۆزىكىنى ئورناتقاندەك ھەم «ھەممە شەھەر بىر قېلىپتا بولۇش»تەك شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ھەم يۇرت سېغىنىشىنى يىلتىز تارتىش بوشلۇقىغا ئېرىشتۈردى.
قىزىل، ئاق رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان ئاپتوبۇس گەۋدىسى، بېلەت سېتىش ئورنى، دەۋر تۇيغۇسىغا باي بېكەت تاختىسى قاتارلىق ئامىللار مەۋھۇم مۇزىكا تەسەۋۋۇرىنى تۇتقىلى، تەڭ بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغان ئەمەلىي تەسىراتقا ئايلاندۇرۇپ، 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنى تارىخىي ئاتالغۇدىن ھالقىتىپ قاتناشقىلى، تارقاتقىلى بولىدىغان شەھەر IPسىغا ئايلاندۇردى. بۇ خىل «ئەسلىمىنى جانلاندۇرۇش» ساياھەتچىلىكنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھېس قىلىش ئارقىلىق يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.
ھالبۇكى، ئېقىم مىقدارى ئىقتىسادى دەۋرىدە قانداق قىلغاندا «ۋاڭخۇڭ ئېففېكتى»نى «ئۇزاققىچە ئالقىشلىنىدىغان ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى»گە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.
بۇ خىرىس ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆپ نۇقتىدىن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. مەيلى «2- يول ئىزنالىرى شەھەرنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى» بولسۇن ياكى سەككىز قەۋەت (بالوۋ) باش تېما قىلىنغان بېكەت بولسۇن، پەقەت يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، ئىنچىكە تىجارەت ۋە ئادىمىيلىك مۇلازىمىتىنى تىرەك قىلىپ، مەدەنىيەت بەلگىسىنى قاتنىشىشقا بولىدىغان، يېڭىلىغىلى بولىدىغان، ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگە ھاياتىي كۈچكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئېقىم مىقدارىنى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
مۇلازىمەت تەپسىلاتى جەھەتتە، يېتەكلەش، چۈشەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىشتا پەسىل، بايراملارغا بىرلەشتۈرۈپ باش تېما پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك؛ تارقىتىش تاكتىكىسى جەھەتتە، قىسقا سىن، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ داۋاملىق تېما بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى ۋە ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ مەنبەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش ئارقىلىق قاتنىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى «چەتتە قاراپ تۇرغۇچى»دىن «قاتناشقۇچى»غا ئايلاندۇرغاندىلا، مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تارىخنى جانلاندۇرۇپ، ئەسلىمە ئارقىلىق كەلگۈسىنى يورۇتۇش. 2- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ موتور ئاۋازى داۋلاڭ ئېيتقان ناخشىنىڭ مېلودىيەسى بىلەن تەڭ ياڭرىغاندا، تاڭ نۇرى ئىلگىرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان سەككىز قەۋەت بېكەت تاختىسىنى يورۇتقاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كۈلكىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەسلىمىسى ئاممىۋى ئاپتوبۇستا گىرەلەشكەندە، بۇ «ۋاقىت ئاپتوبۇسى» قاتناش قورالىغىلا ئەمەس، بەلكى شەھەر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈنگە ئايلىنىپ، ئۈرۈمچىنى ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ. (ۋاڭ يۈەنيۈەن)