تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونىنى بۇ يىل ئېچىۋېتىش مۆلچەرلەندى
17:17:06 2025-04-22 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ھازىرغىچە 15 كۇرسلۇق ماركا كېلىشىم ئىمزالاپ ماكانلاشتى

 ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسى تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونىنى بۇ يىل 12- ئاينىڭ 30- كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش مۆلچەرلەندى.

 تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسى تۈرى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتى ۋە كۇرسلۇق ماركىلار تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، خۇاۋېي، خۇاجۇخۇي، «قارا كۆز قىزلار» قاتارلىق 15 كۇرسلۇق ماركا تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونىغا ماكانلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي- زېمىن كەسپى جەمئىيىتى تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسىغا «كېڭەش ئەزا ئورۇن» دەپ نام بەردى.

 گۈلگىنە تاشمەمەت ئۈرۈمچى مېيلىيوۋ كىيىم- كېچەك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن «قارا كۆز قىزلار» كىيىم- كېچەك ماركىسىغا سەككىز يىل بولدى، لايىھەلەنگەن يەككە مەھسۇلاتلىرىدىن باش كىيىم، زىبۇ- زىننەت، كىيىم- كېچەك، يەنە سومكا، ئۆتۈك قاتارلىقلار بار.

 «تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونىغا ماكانلىشىشىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنىڭ بىزنىڭ ماركىمىزنى تونۇشىغا، ماركىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىرتقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى گۈلگىنە تاشمەمەت.

 تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسى تۈرى «پۈتۈن كەسىپ ھالىتى ئىجادىيەت كوچا رايونى+ دەرىجىدىن تاشقىرى تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي+ ئېكولوگىيەلىك سودا رايونى مەركىزى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونىنىڭ سىرتقى تىك يۈزى ئەينەك پەردە تام شەكلىدە، 2-، 3- قەۋەتلىرىنىڭ ھەممىسى پېشايۋانلىق بىنا شەكلىدە بولۇپ، پېشايۋاندا ئولتۇرۇپلا تىيانشان رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، چۆكۈش شەكلىدىكى مال سېتىۋېلىش تەسىراتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە بوشلۇقى ئەندىزىسىنى ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ، «يىپەك يولى مەدەنىيىتى+ ياشلار كۈچى» يۇغۇرۇلغان ئىستېمال مەنزىلگاھى بەرپا قىلدى، سودا كەسىپ ھالىتى يۇقىرى دەرىجىلىك پارچە سېتىش، مودا يېمەك- ئىچمەك، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسى تۈرىگە مەسئۇل شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خۇ چۈەنۋېي مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونى تۇنجى دۇكان ئىقتىسادى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى كەسىپ ھالىتى قاتارلىقلارنى سىجىل كىرگۈزۈپ، كەم ئۇچرايدىغان بولۇش خاراكتېرى ۋە يېڭىلىق دەرىجىسى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ خاس، كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

 تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسى تۈرىدە 16 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي تەسىس قىلىنغان، مېھمانساراي ياتىقىنى 200دىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن، بۇنىڭدىن سىرت، بۇ تۈرگە يەنە 16 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق خىزمەت بىناسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 تىيانشان ئىجادىي تەپەككۇر جىلغىسى تۈرىدە مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا بىلەن تۇرمۇش ھالىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، تۈر قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن، كونا شەھەر رايونىنىڭ سودا يېڭى يەر بەلگىسىگە ئايلىنىپ، ئىستېمالچىلارغا يېڭىچە ئىستېمال تەسىراتى بېغىشلاپ، رايون تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ لىلى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125