قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئاۋىياتسىيە پورتى رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن ئىبارەت ئۈچ رايون ماس قەدەمدە خەلقئارا تۈگۈنلۈك يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بەردى
خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈزلۈكسىز زىچلاشتۇرۇلۇۋاتقان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى، دەرىجىسى سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئېچىۋېتىش سۇپىسى ئۈرۈمچىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورتى ۋە يۈك تىرانسپورتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بارغانسېرى زىچلاشتۇرۇلۇپ، ئاسىيا- ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يولى بەرپا قىلىنىپ، «يەرشارىۋى سېتىۋېلىش»، «يەرشارىۋى سېتىش» قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.
ئۈرۈمچى ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز، دەريالاردىن يىراق بولسىمۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئاۋىياتسىيە پورتى رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىغا تايىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى سىجىل تېزلىتىپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش
ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ كۈچلۈك موتور بەرپا قىلىندى
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىل 2- ئايدا ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىگەن دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى، ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى، سودا مۇلازىمەت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتىدا تۈگۈنلۈك رولنى ئۈستىگە ئالغان شەھەر ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى.
ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قانداق بەرپا قىلىنىدۇ؟ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى رايونىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، ئاۋىياتسىيە جابدۇقلىرى بازىسى تۈرىنى پىلانلاپ، ئاۋىياتسىيە ياسىمىچىلىقى، رېمونتچىلىق، چۇۋۇش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى نۇقتىلىق جەلپ قىلىدۇ؛ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى يۈك تىرانسپورتىدىكى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى قۇرۇپ، ھاۋا- تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىدا «بىر تالون تۈزۈمى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، «شىنجاڭ- گۇاڭدۇڭ تېز لىنىيەسى» قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ؛ ئاۋىياتسىيە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى پىلانلاپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بويىچە ئايروپىلان ئىجارىكەشلىك كەسپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ئايرودۇرۇم ئەتراپى خەلقئارا مەدەنىيەت- سودا- ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنى پىلانلاپ، دورا ماتېرىياللىرى ئىمپورت پورتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىك تۈرىدىكى سۇ جانلىقلىرى بويىچە بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەيدانى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ...
بۇ ئېنىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىدۇر.
4- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئايروپورتنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇش- قوندۇرۇش ئىقتىدارى ۋە يولۇچى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئايروپورتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇردى.
يىلىغا 48 مىليون يولۇچى (قېتىم) ۋە 550 مىڭ توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش كاپالەت ئىقتىدارى ھازىرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشۇلدى.
بۇلتۇر، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى، باجدىن خالىي رېمونتچىلىق، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە ماتېرىياللىرى قاتارلىق بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا تايىنىپ، «ئاۋىياتسىيە+ ئەشيا ئوبوروتى» ھەم ئايروپورت فۇنكسىيەلىك مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق كەسىپلەر توپلاشتۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى، ئاۋىياتسىيە باش ئىشتابى، ئاۋىياتسىيە مېيى، ئاۋىياتسىيە ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ساھەلەر كۈچەيتىلىپ، ئاۋىياتسىيە كەسىپ زەنجىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئەتراپىغا شۇنفېڭ، جۇڭتۇڭ، يۈەنتۇڭ قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونلىرى توپلاندى. شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور يەن باۋسەي مۇنداق دېدى: «بۇلتۇردىن بۇيان، شۇنفېڭ خەلقئارا پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلدى، بىز پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ۋە <غول لىنىيە- تارماق لىنىيە ھەمتۈرتكە بولۇش> تىرانسپورت سىستېمىسىغا تايىنىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرى ۋە شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن يۈك ئايروپىلانىدا ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرىگە توشۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇردۇق».
كەسىپلەرنى توپلاش، «ئايروپورت»تىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىش، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈلگەن ئۇل ئەسلىھەلەر ئارقىلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كېڭەيتىشكە ئاساس سېلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى.
ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات
ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى قوزغىتىلدى
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئاسىيا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ نۇقتىلىق، كۆپ يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى پويىز قاتناش شەكلىنى شەكىللەندۈردى.
ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى، ئاۋىياتسىيە پورتى «ئىككى پورت ھەمتۈرتكە بولۇش»نى يادرو قىلىپ، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى بۇلۇت سۇپىسى قۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش يولىنى ئېچىپ، قۇرۇقلۇق پورتى، ئاۋىياتسىيە پورتى، ئۇچۇر پورتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بۇ تۈگۈنى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت قوش موتورنى تۇتاشتۇردى.
4- ئاينىڭ 18- كۈنى، خۇانەن رايونىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرى قاچىلانغان يۈك تىرانسپورت مەخسۇس پويىزى گۇاڭجوۋدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن رايون باشلىقى) سۈن شياۋيۈ مۇنداق دېدى: «قاتناشقا باشلىغان <گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ تېز لىنىيەسى> يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزى ھازىر گۇاڭجوۋ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۈرۈش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغان يۈك تىرانسپورت مەخسۇس پويىزى بولۇپ، گۇاڭجوۋ ماللىرى يېتىپ كەلگەن كۈنىلا ئاۋىياتسىيە پورتى ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونىغا توشۇپ كېلىنىدۇ، تاموژنىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا بېسىلىپ، ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئاسىيا- ياۋروپا رايونىغا توشۇلىدۇ».
ئۈرۈمچىدىكى ئىككى چوڭ ئېچىۋېتىش تۈگۈنى بولغان قۇرۇقلۇق پورتى بىلەن ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ «قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش»ى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.
سۈن شياۋيۈ مۇنداق قارىدى: «گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» تۆمۈريول- ھاۋا يولى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى بىلەن ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى تولۇق بىرىكتۈرۈپ، تۆمۈريول بىلەن ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت بايلىقىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن بىرىكمە تىپتىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
ئۈرۈمچىنىڭ يەرشارىۋى سودىنى قانات يايدۇرۇش قەدىمى تېز ھەم كۈچلۈك بولدى.
4- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇنجى «<تىيانشان> ناملىق گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى.
گۇاڭجوۋ خەلقئارا پورتىدىن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا توشۇپ كېلىنگەن يۈك ساندۇقلىرى بۇ يەردىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋوگزالى ۋە ئىگىلىك ۋوگزالىغا توشۇلىدۇ.
«<تىيانشان> ناملىق گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى جەنۇبىي جۇڭگو، جۇڭگو شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان تېز، قولاي ئىقتىساد يېڭى يولىنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، رايونلار ئارا ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى ئۈچۈن يېڭى «كۆۋرۈك» سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نۆۋەتچى پويىز ئىشلىرى بۆلۈمى بازار ماركىتېڭى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ تىڭتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپلا قالماي، جەنۇبىي جۇڭگو، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز ئەشيا ئوبوروتى يېڭى يولىنى بەرپا قىلدى. ئىككى تەرەپ «<تىيانشان> ناملىق گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىرلىك تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى سىجىل تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارا سودىغا قولايلىق يارىتىدۇ.
بۇ يىل 3- ئايدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يەنە «<تىيانشان> ناملىق خېنەن- شىنجاڭ نۆۋەتچى پويىزى»نى قاتنىتىپ، جېڭجوۋ- ئۈرۈمچى «قوش يىغىلىش مەركىزى»نىڭ ماسلىشىشى- ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ باشقا پورت ۋە قۇرۇقلۇق پورتلىرى بىلەن كۈچلۈك ھەمتۈرتكە بولالىشىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ بولغانلىقى سەۋەب بولدى.
ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىگە يىۋۇ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىن توشۇپ كېلىنگەن تۈرلۈك ماللار، كىيىم- كېچەك، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ماللار يىغىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ماللار TIR تىرانسپورتى ئارقىلىق «دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىلىدۇ».
TIR يىغىلىش مەركىزى (ئۈرۈمچى) فۇنكسىيەسىنىڭ سىجىل مۇكەممەللىشىشى ۋە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى ماللارنىڭ تېز ئوبوروت قىلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تاشيول تىرانسپورت كۆلىمىمۇ سىجىل كېڭەيتىلىدۇ. كەلگۈسىدە بۇ ئۈرۈمچىنىڭ مەۋقەنى ئۆز جايىغا قويۇپ، ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتىدىغان سودا ۋە مال يىغىش- تارقىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.
ئۈچ رايون ماس جانلىنىش
تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە كۈچ قوشتى
ئۈرۈمچىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، تۇتاشتۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى تېز بەرپا قىلىش سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ھازىرقى ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئاۋىياتسىيە پورتى رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن ئىبارەت «ئۈچ رايون ھەمتۈرتكە بولۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تۈگۈن نۇقتىسىنىڭ ئىقتىدار ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت پايدىسىنى بىرىكتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈم ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە كۈچ قوشتى.
خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا يىلتىز تارتقىنىغا كۆپ يىل بولغان كارخانا- شىنجاڭ خۇڭيۈندا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى جاڭ چيەنچيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز كۈندە دېگۈدەك «تىيانشان» ناملىق كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىز ئارقىلىق ماللارنى يولغا سالىدۇ، ھەر ئايدا يولغا سالىدىغان يۈك ساندۇقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200گە يېتىدۇ.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە، «تىيانشان» ناملىق كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 214 قېتىم قاتنىغان، توشۇلغان مال تۈرلۈك ماللار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى زىچ ھەمكارلىشىپ، ماللارنى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تېز يىغىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن باجدىن خالىي كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا كىرىشى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا «1210» باجدىن خالىي ئىمپورت شەكلى ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا كىرىشى، تۇنجى تۈركۈم بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورتى تاۋار ئاپتوموبىل توشۇيدىغان يۈرۈش لىنىيەسى بېكىتىلگەن تۇنجى نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى قاتارلىق نۇرغۇن «تۇنجى تۈركۈم»، «تۇنجى نۆۋەتچى پويىز»، «تۇنجى قېتىم»لار ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدە بارلىققا كېلىپ، يېڭى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى پايدىلىق پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ يىل، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش، ئەشيا ئوبوروتى، سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى كارخانىلار ۋە ئاپپاراتلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن رايون ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىش ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ، دۇنيانى قارشى ئېلىش. جۇڭگو (شېنجېن) ئۇنىۋېرسال ئېچىش تەتقىقات يۇرتى رايون تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئاۋىياتسىيە پورتى رايونى ھەمتۈرتكە بولۇپ، «ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، تۈگۈننى تۇتاشتۇرۇش، ئۆلچەملىك تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، يەنى قۇرۇقلۇق، ئاۋىياتسىيە ئۇل ئەسلىھەلەر تورىنى پۇختىلاشنى كۆرسىتىدۇ. قۇرۇقلۇق پورتى، ئاۋىياتسىيە پورتلىرىغا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى قاپلىغان ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى قۇرۇش ئاساسىدا، تاشيول- تۆمۈريول- ئاۋىياتسىيە تېز توشۇش بىرلەشمە تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھە تور سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تۈگۈننى تۇتاشتۇرۇش، يەنى قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن ئاۋىياتسىيە پورتى رايونىنىڭ ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلچەملىك تۇتاشتۇرۇش، يەنى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ خەلقئارا قائىدىسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەشيا ئوبوروتى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ «تومۇرى»، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال، ئىچكى سودا بىلەن تاشقى سودىنى باغلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، «كىشىلەرنى سەپەردە راھەت ھېس قىلدۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت گۈزەل مەنزىرە بەرپا قىلىشقا سىجىل قەدەم تاشلىدى.
توختىماي بېرىپ- كېلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى، كېچە- كۈندۈز تېز قاتناۋاتقان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى، توختىماي قاتناۋاتقان يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى... پۈتۈن دۇنياغا تۇتاشقان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يوللىرى ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىنى پۇختىلاپ، غەربكە ئېچىۋېتىش دەرۋازا فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىۋى بايلىقنى چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
(مۇخبىر گو لىڭ، لى كەي، تاڭ خۇڭمېي، مۇ مىن)